قۇرئان كەرىم پەقەت ئوقۇپ قويۇش ئۈچۈنلا نازىل قىلىنغان كىتاب ئەمەس؛ ئۇ ئوقۇش، چۈشىنىش، تەپەككۇر قىلىش ۋە ھاياتتا ئەمەل قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلىنغان ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر.
قۇرئاننى ئوقۇشنىڭ ئۆزى ناھايىتى چوڭ پەزىلەت. ھەر بىر ھەرپىگە ساۋاب بېرىلىدۇ. شۇڭا «مەنىسىنى چۈشەنمىسەم، ئوقۇشىمنىڭ پايدىسى يوق» دېيىش توغرا ئەمەس. قۇرئاننى ئوقۇشنى ھەرگىز تاشلىماسلىقىمىز كېرەك.
ئەمما بىر مۇسۇلماننىڭ مەقسىتى پەقەت تىلىنى قۇرئاننىڭ ئايەتلىرى بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈش بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. قۇرئان قەلبنى ئويغىتىدىغان، ھاياتنى ئۆزگەرتىدىغان كىتاب.
ئاللاھ تائالا:
﴿كِتَابٌ أَنْزَلْنَاهُ إِلَيْكَ مُبَارَكٌ لِيَدَّبَّرُوا آيَاتِهِ وَلِيَتَذَكَّرَ أُولُو الْأَلْبَابِ﴾
«بۇ بىز ساڭا نازىل قىلغان بەرىكەتلىك كىتابتۇر؛ ئۇلار ئۇنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلسۇن ۋە ئەقىل ئىگىلىرى ۋەز-نەسىھەت ئالسۇن.»
— ساد سۈرىسى، 29-ئايەت دېگەن.
شۇڭا قۇرئان بىلەن مۇناسىۋىتىمىزنى ئۈچ باسقۇچتا ئويلىساق بولىدۇ:
1. ئوقۇش — تىلىمىز قۇرئان بىلەن زىكىر قىلسۇن.
2. چۈشىنىش — ئەقلىمىز ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى تونۇسۇن.
3. ئەمەل قىلىش — ھاياتىمىز قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىلىرى بىلەن گۈزەللەشسۇن.
قۇرئاننى ئوقۇپ، مەنىسىنى چۈشەنمەسلىك بىزنى مەنىسىنى ئۆگىنىشتىن توسىماسلىقى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەنىسىنى ئۆگىنىشنى باھانە قىلىپ قۇرئان تىلاۋىتىنى تاشلاپ قويۇشمۇ توغرا ئەمەس.
ئەڭ گۈزەل ھالەت — قۇرئاننى ئوقۇش، مەنىسىنى چۈشىنىش، قەلب بىلەن تەسىرلىنىش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشتۇر.
قۇرئاننى قولىمىزدا تۇتقاندا، ئۇنىڭغا پەقەت «ئوقۇلىدىغان كىتاب» دەپ ئەمەس، «ھاياتىمنى توغرىلايدىغان ئاللاھنىڭ ئەۋەتىلگەن يېتەكچىسى» دەپ قاراش لازىم.
چۈنكى قۇرئاننىڭ ھەقىقىي تەسىرى تىلىمىزدىن چىققاندا ئەمەس، ھەرىكىتىمىزگە ئايلانغاندا نامايان بولىدۇ.
نىدا دەۋەت مەركىزى




