ھۇزەيفە ئىبنى يەمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«أُتِيَ اللَّهُ بعَبْدٍ مِن عِبادِهِ آتاهُ اللَّهُ مالًا، فَقالَ له: ماذا عَمِلْتَ في الدُّنْيا؟ قالَ: وَلا يَكْتُمُونَ اللَّهَ حَدِيثًا، قالَ: يا رَبِّ آتَيْتَنِي مالَكَ، فَكُنْتُ أُبايِعُ النّاسَ، وَكانَ مِن خُلُقِي الجَوازُ، فَكُنْتُ أَتَيَسَّرُ على المُوسِرِ، وَأُنْظِرُ المُعْسِرَ، فَقالَ اللَّهُ: أَنا أَحَقُّ بذا مِنْكَ، تَجاوَزُوا عن عَبْدِي»
«ئاللاھ مال-دۇنيا بەرگەن بىر بەندىنى ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈپ ئۇنىڭدىن:«دۇنيادا نېمە ئىش قىلدىڭ؟»دەپ سورىدى.
ئۇ بەندە:«ئۇلار ئاللاھتىن ھېچقانداق سۆزنى يوشۇرالمايدۇ».دېگەن ئايەتنى ئېيتىپ بولۇپ:«ئەي رەببىم! سەن ماڭا مال-دۇنيا بەردىڭ. مەن كىشىلەر بىلەن سودا قىلاتتىم. مېنىڭ ئەخلاقىمدا كەچۈرۈمچانلىق ۋە ئاسانچىلىق قىلىش بار ئىدى. شۇڭا مەن باي ئادەمنىڭ قەرزىنى تۆلىشىنى ئاسانلاشتۇراتتىم، قىيىنچىلىقتا قالغان قەرزدارغا مۇھلەت بېرەتتىم»دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا:«بۇ ئىشقا سەندىنمۇ بەكرەك ھەقلىق بولغىنى مەن. بەندەمنى كەچۈرۈڭلار!»دېدى.»
(بۇخارىي رىۋايەت قىلغان، 2391-نومۇر)
چۈشەندۈرۈش ۋە تەبىر:
كىشىلەر بىلەن مۇئامىلىدە كەچۈرۈمچان بولۇش، قەرزدارغا مۆھلەت بېرىش ۋە قىيىنچىلىقىنى ئويلىشىش ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىگە سەۋەب بولىدۇ.
ھەم كىشىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلسىڭىز، ئاللاھتىنمۇ شۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرايسىز.
ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ئاسانلاشتۇرسىڭىز، ئاللاھ سىزنىڭ قىيىنچىلىقىڭىزنى ئاسانلاشتۇرىدۇ.
كىشىلەرگە ياردەم بەرسىڭىز، ئاللاھ سىزگە ياردەمچى بولىدۇ.
ئۇلارنىڭ غەم-قايغۇلىرىغا غەمگۇزار بولسىڭىز، سىزنىڭ پۈتۈن غەملىرىڭىزنى ئاللاھ ھەل قىلىدۇ.
شۇنىمۇ ئېسىڭىزدىن چىقارماڭكى، باشقىلارنىڭ سىزگە قىلغان ئېسىل مۇئامىلىسى، گۈزەل تۇتۇمى ۋە ياخشى مەيدانىنى زىنھار ئۇنتۇماڭ!
ۋاپادار بولۇڭ، چۈنكى ۋاپادارلارنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدۇ ۋە كاتتا مۇكاپاتلايدۇ.
ئاللاھ بەرگەن مال-دۇنيا بىلەن ئۇنىڭ بەندىلىرىگە ياخشىلىق قىلغان ئۇ كىشىگە ئاللاھ ئۆزىنىڭ كەچۈرۈش ۋە ئاسانلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ۋاپادارلىق ۋە مەرھەمىتىنى كۆرسەتتى.
شۇڭلاشقا قوشنىڭىزنىڭ ياخشىلىقى، ئايالىڭىزنىڭ ۋاپادارلىقى، دوستىڭىزنىڭ كۆيۈمچانلىقى، ساۋاقداشلىرىڭىزنىڭ مېھرىبانلىقى دېگەندەك ئىشلاردىكى مەيدانىدا ئۇلارغا ۋاپادار بولۇڭ، ھەم ياخشىلىقىغا گۈزەل جاۋاب قايتۇرۇڭ.
ئاخىرىدا شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش زۆرۈركى، ھەدىس مال-دۇنيانى قانداق يەرگە ئىشلەتكەنلىكى، قانداق تاپقانلىقى ۋە ئۇنىڭ بىلەن باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقى قاتارلىق ئىشلاردىن بىرمۇبىر ھېساب ئېلىنىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
چۈنكى مال-دۇنيا بەندىنىڭ ئەمەس، ئاللاھنىڭدۇر.ئىنسان پەقەتلا بىر ئامانەتچىدۇر.
نىدا دەۋەت مەركىزى.




