ئىمان، تەشكىل، ئىنتىزام ۋە بىرلىك — مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاساسلىرى
دۆلەت قۇرۇش، ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە جەمئىيەتنى باشقۇرۇشنىڭ ئۆزىگە خاس قانۇنىيەتلىرى بار.
بۇ قانۇنىيەتلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن پەقەت ئىدىيەنىڭ توغرىلىقىغا، شەخسلەرنىڭ تەقۋادارلىقىغا ياكى خەلقنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكىگە قاراش يېتەرلىك ئەمەس.
بەلكى ئىمان ۋە ئىدىيە بىلەن بىرگە تەشكىل، ئىنتىزام، بىرلىك، رەھبەرلىك، پىلان ۋە ئىجتىمائىي كۈچنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكىگە قاراشمۇ زۆرۈردۇر .
تارىخقا نەزەر سالساق، بەزى جامائەتلەرنىڭ ئىدىيسى ھەق ۋە نىيتى سەمىمى بولسىمۇ، تەشكىللىنىش ۋە كۈچنى بىرلەشتۈرۈش جەھەتتىكى ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلىكىنى.
يەنە بەزى باتىل ئىدىيەلەرگە ئىگە كۈچلەرنىڭ بولسا پۇختا تەشكىللىنىش، قاتتىق ئىنتىزام ۋە ئىزچىل پىلان ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز.
بۇ بىزگە مۇھىم بىر ھەقىقەتنى ئۆگىتىدۇ: ھەقىقەت بىلەن مېڭىش بىلەنلا دۇنيادا ھاكىمىيەتكە ئىگە بولۇش مۇمكىن بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى غەلبە قىلىش ئۈچۈن ھەقىقەت بىلەن بىرگە دۇنيادىكى سەۋەب ۋە قانۇنىيەتلەرگە رىئايە قىلىش كېرەك.
بىرىنچى: توغرا ئىدىيەنىڭ ئۆزىلا ھاكىمىيەت قۇرۇشقا يېتەرلىك ئەمەس
مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئىشىنىشى، ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىشى، تەقۋادارلىققا ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ياخشى نىيەتتە بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم.
لېكىن بۇ پەزىلەتلەرنىڭ ئۆزىلا دۇنيادا دۆلەت قۇرۇش ياكى ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس.
چۈنكى بىر ئىدىيەنىڭ توغرىلىقى بىلەن شۇ ئىدىيەنى جەمئىيەتتە ئەمەلىي كۈچكە ئايلاندۇرۇش ئىككى ئايرىم مەسىلىدۇر.
مىسالغا ئالساق، مىليونلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانى كۈچلۈك، نىيىتى سەمىمىي، ئىبادىتى كۆپ بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئۇلارنىڭ ئورتاق مەقسىتى، بىرلەشكەن ئىرادىسى، تەشكىللىك خىزمىتى، مەسئۇلىيەت تەقسىماتى ۋە ئورتاق قارار چىقىرىش مېخانىزمى بولمىسا، ئۇلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكى ئۆزلۈكىدىن سىياسىي كۈچكە ئايلىنىپ قالمايدۇ.
چۈنكى ساننىڭ كۆپلۈكى بىلەن كۈچنىڭ بىرلىشىشى بىر نەرسە ئەمەس.
بىر مىليون ئادەم ئۆز ئالدىغا، ئۆز پىكرى بويىچە ھەرىكەت قىلسا، ئۇلارنىڭ كۈچى پارچە-پارچە بولۇپ كېتىشى مۇمكىن.
ئەمما شۇ ئادەملەر تەشكىللىك ۋە مەسئۇلىيەتچان بىر جامائەت ياكى پارتىيە ئىچىدە ئورتاق نىشانغا يۈزلەنسە، ئۆزئارا ھەمكارلاشسا، بىلىم ۋە ئىقتىدارلىرىنى بىرلەشتۈرسە، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىر كۈچى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ.
دېمەك، ھەق ئىدىيەگە ئىگە بولۇش بىر ئاساس بولسا، ئۇ ئىدىيەنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرالايدىغان ئىجتىمائىي قۇرۇلما ھاسىل قىلىش يەنە بىر ئاساستۇر.
ئىككىنچى: تەشكىل ۋە ئىنتىزام — ئىجتىمائىي كۈچنىڭ تايانچىسىدۇر
تارىختا چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلغان ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسىدە كۈچلۈك تەشكىل، مۇستەھكەم ئىنتىزام،ئىقتىدارلىق رەھبەرلىك ۋە ئورتاق مەقسەتنىڭ بارلىقىنى كۆرىمىز.
تەشكىل دېگەنلىك پەقەت بىر يەرگە يىغىلىش ئەمەس. بەلكى مەقسەتنى ئېنىق بەلگىلەش، ۋەزىپىلەرنى تەقسىملەش، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، قارار چىقىرىش تەرتىپىنى بەلگىلەش، نەتىجىنى باھالاش ۋە خاتالىقلارنى تۈزىتىشنى ئاساس قىلغان جامائەت ياكى پارتىيە بولۇش دېمەكتۇر.
ئىنتىزام بولسا ھەر بىر ئەزانىڭ ئۆزىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى، ئورتاق بەلگىلەنگەن قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشى ۋە شەخسىي مەنپەئەتنى ئورتاق
مەقسەتنىڭ ئۈستىگە قويماسلىقىدۇر.
ئەمما بىر مۇھىم نۇقتىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك: ئىنتىزام قارىغۇلارچە بويسۇنۇش ئەمەس، رەھبەرلىك بولسا جاۋابكارلىقتىن خالىي ھوقۇق دېگەنلىك ئەمەس.
ساغلام تەشكىلدە مەسلىھەت، ئادالەت، ھېساب بېرىش ۋە خاتالىقنى تۈزىتىش مېخانىزمى بولۇشى زۆرۈر.
ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنىڭ بىرلىكى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
«ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا مەھكەم ئېسىلىڭلار، بۆلۈنۈپ كەتمەڭلار».(ئال ئىمران سۈرىسى( 103-ئايەت)
بۇ ئايەت مۇسۇلمانلارنى بىرلىككە چاقىرىدۇ. لېكىن بۇ بىرلىك پەقەت شۇئار بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر لاياقەتلىك باش،ھەممە ئۈستىگە ئالغان ئورتاق مەسئۇلىيەت، ئۆزئارا ئىشەنچ، ئەخلاق ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىق كېرەك.
بىرلىك كۈچنىڭ مەنبەسىدۇر. ئىنتىزام بولسا شۇ كۈچنىڭ داۋاملىشىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
ئۈچىنچى: رەھبەرلىك بولمىغان بىرلىك تولۇق كۈچكە ئايلىنالمايدۇ.
بىر جامائەتنىڭ ئەزالىرى كۆپ، ئىدىيەسى ئوخشاش ۋە نىيىتى ياخشى بولسىمۇ، ئورتاق قارار چىقىرىش ئۇسۇلى ۋە مەسئۇلىيەتچان رەھبەرلىكى بولمىسا، پىكىر ئىختىلاپى چىققاندا قانداق يول تۇتىدىغانلىقى، ۋەزىپىلەرنى قانداق تەقسىملەيدىغانلىقى ۋە قىيىنچىلىقلارغا قانداق تاقابىل
تۇرىدىغانلىقى ئېنىق بولمايدۇ.
شۇڭا رەھبەرلىك ھەرقانداق چوڭ ئىجتىمائىي ئىشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىدۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىماتلىرىدىمۇ ئورتاق ئىشلاردا تەرتىپ ۋە مەسئۇلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىلگەن.
سەپەرگە چىققان ئۈچ كىشى ھەققىدىكى ھەدىستە ئۇلارنىڭ ئۆزئارا بىرىنى ئەمىر قىلىۋېلىشى تەۋسىيە قىلىنغان.
بۇ كىچىك بىر گۇرۇپپىنىڭ سەپەر ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك تەلىمات بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن ئورتاق ئىشلاردا تەرتىپلىك باشقۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ.
چۈنكى ئۇيغۇر ماقال-تەمسىللىرىدىمۇ:« بېشى يوقنىڭ ئېشى پىشمايدۇ» دەپ بىر قازان ئاش پۇشۇرۇش ئۈچۈنمۇ. بىر ئاشچى ئۇستامنىڭ رەھبەرلىكىدە بولۇشنىڭ ئەھمىىيتى تەكىتكەنلەنگەن.
ئەمما رەھبەرگە ئىتائەت قىلىشنىڭمۇ شەرئىي ۋە ئەخلاقىي چېگراسى بار. ئىتائەت گۇناھتا بولمايدۇ، لېكىن مەن ئىتائەت قىلمايمەن دەپ رەھبەرلىكنىڭ ھۆكمىگە قارشىچى چىقشقا، بىرلىكنى بۇزۇشقا بولمايدۇ.
رەھبەرنىڭ قارارلىرى مەسلىھەت ۋە جاۋابكارلىقتىن خالىي بولماسلىقى كېرەك.
شۇڭا كۈچلۈك جامائەت دېگەنلىك پەقەت بىر رەھبەرگە ئىگە بولۇشلا ئەمەس.
بەلكى لاياقەتلىك رەھبەرلىك، ئېنىق مەسئۇلىيەت، ئىچكى ئىشەنچ ۋە ئورتاق نىشانغا ئىگە بولۇش دېمەكتۇر.
تۆتىنچى: باتىل ئىدىيەمۇ تەشكىللىك كۈچ بولغاندا چوقۇم ھۆكۈمەت بولالايدۇ.
بۇ نۇقتا ئالاھىدە ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ.
بىز بەزىدە بىر ئىدىيەنىڭ ھەق بولغانلىقى ئۈچۈن چوقۇم غەلىبە قىلىشى كېرەكلىكىنى، باتىل ئىدىيەنىڭ بولسا ئۆزلۈكىدىن مەغلۇپ بولۇشى كېرەكلىكىنى ئويلايمىز. ئەمما دۇنيادىكى تارىخىي ۋەقەلەر بۇنداق ئاددىي ئەمەس.
باتىل ئىدىيەگە ئىگە بىر تەشكىلاتنىڭ ئىنتىزامى كۈچلۈك، مەقسىتى ئېنىق، پىلانى ئىزچىل، رەھبەرلىك ئىقتىدارلىق ۋە ئىجرا قىلىش كۈچى يۇقىرى بولسا، ئۇ مەلۇم مەزگىلدە زور سىياسىي كۈچكە ئېرىشىشى مۇمكىن.
بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىمايدۇ. پەقەت ئۇلارنىڭ دۇنيالىق سەۋەبلەرنى چوڭ دەرىجىدە چىڭ تۇتقانلىقنى كۆرسىتىدۇ.
دېمەك، دۇنيادا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ھەقنىڭ ئۆلچىمى ئەمەس، مەغلۇب بولۇش بولسا ھەقسىزلىقنىڭ مۇتلەق دەلىلى ئەمەس.
ئەگەر بىر باتىل ھەرىكەت تەشكىللىنىش ۋە پىلان جەھەتتە كۈچلۈك، ھەق ئىدىيەگە ئىگە بىر جامائەت بولسا پەقەت ياخشى نىيەت ۋە شۇئار بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا، دۇنيالىق رىقابەتتە بىرىنچىسى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشى مۇمكىن.
بۇنىڭدىن چىقىدىغان ساۋاق باتىلنى دوراش ئەمەس، بەلكى ھەق ئىدىيەنى بىلىم، تەشكىل، ئەخلاق، ئىنتىزام ۋە ئەمەلىي خىزمەت بىلەن كۈچەيتىشتۇر.
بەشىنچى: دۇنيالىق مۇۋەپپەقىيەت بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقى بىر ئۆلچەم ئەمەس
دۆلەت قۇرۇش ياكى ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ.
بوزۇق ئىدىيەگە ئىگە بىر جامائەت دۇنيالىق سەۋەبلەرنى ياخشى ئىشقا سېلىپ، ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن. ئەمما ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئىرىشتى دېگىلى بولمايدۇ.
لېكىن ساغلام ئىتىقاد، توغرا مەنھەج، ئەڭ تەقۋادار مۇسۇلمانلار دۆلەت قۇرالماي، ھۆكۈمەت بولالمايلا قالماستىن بەلكى ئېغىر زۇلۇمغا،قاتتىق بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن ھەم ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشى مۇمكىن.
لېكىن ھاكىمىيەت قۇرالمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ دۇنيالىق سەۋەبى بولغان جامائەت ياكى پارتىيە بولمىغان
خۇلاسە: ھەق ئىدىيەگە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇنى كۆتۈرەلەيدىغان كۈچمۇ كېرەك
دۆلەت قۇرۇش ۋە ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشنى چۈشىنىشتە ئۈچ مەسىلىنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ قاراش كېرەك:
بىرىنچىسى، ئىدىيەنىڭ ھەق ياكى باتىل ئىكەنلىكى. بۇنىڭ ئۆلچىمى قۇرئان، سۈننەت ۋە شەرئىي دەلىللەردۇر.
ئىككىنچىسى، دۇنيادىكى مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سەۋەبلىرى. بۇنىڭ ئىچىگە تەشكىل، ئىنتىزام، رەھبەرلىك، بىلىم، پىلان، ئىقتىسادىي ئىمكانىيەت ۋە جەمئىيەتنىڭ قوللىشى قاتارلىقلار
كىرىدۇ.
ئۈچىنچىسى، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە ئاخىرەتتىكى نەتىجە. بۇ پەقەت ھاكىمىيەتكە ئېرىشىش بىلەن بەلگىلەنمەيدۇ؛ ئىمان، نىيەت، ئەمەل، ئادالەت ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە باغلىقتۇر.
شۇڭا مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت ھەقنى بىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىق، بەلكى ھەقنى چۈشىنىدىغان، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدىغان، بىلىملىك، ئىنتىزاملىق، مەسئۇلىيەتچان ۋە جەمئىيەتكە پايدىلىق ئىنسانلارنى يېتىشتۈرۈشتۇر.
ھەق ئىدىيە يولنى كۆرسىتىدۇ؛ بىلىم ۋە تەربىيە ئىنساننى يېتىلدۈرىدۇ؛ تەشكىل ۋە ھەمكارلىق جەمئىيەتنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ؛ ئادالەت ۋە مەسئۇلىيەت بولسا كۈچنىڭ توغرا ئىشلىتىلىشىگە يول ئاچىدۇ.
بۇلارنىڭ بىرى يوق بولسا، قالغانلىرىنىڭ نەتىجىسىمۇ چەكلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ھەقىقىي مەقسەت پەقەت ھاكىمىيەتكە ئېرىشىش ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغدايدىغان، زۇلۇمنى چەكلەيدىغان، ئادالەتنى بەرپا قىلىدىغان ۋە ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە مۇۋاپىق ياشاشقا تىرىشىدىغان جەمئىيەتنى شەكىللەندۈرۈشتۇر.
چۈنكى ھاكىمىيەتكە ئېرىشىش بىر غەلىبە بولۇشى مۇمكىن؛ ئەمما ئۇنى ئادالەت بىلەن باشقۇرۇش تېخىمۇ چوڭ مەسئۇلىيەتتۇر.
دېمەك قۇرئان-سۈننەتنى ئاساس قىلىپ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بىر ئەمىر-قومانداننىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، پۇختا تەشكىللىنىپ، دۇنيانىڭ پايدا-زىيان قانۇنىيەتلىرىگە رىئايە قىلىپ، يىتەكچى رەھبەرگە بويسۇنۇپ ماڭغان جامائەت ياكى پارتىيە، دۆلەت قۇرالايدۇ، ھاكىمىيەتنى قولغا ئالالايدۇ، دىننى ئۈستۈن قىلالايدۇ. ھەمدە شۇ ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا باغلىيالايدۇ. ئەكسىچە قانچىلىك تەقۋادارلاردىن بولۇپ كەتسۇن،قۇرئان-سۈننەتكە ئەگەشكەنلىكنى داۋا قىلسۇن، چېچىلاڭغۇ،بىرلىك يوق، بىر باشقا بويسۇنمىغان مەسچىت جامائىتى بولسا ئۇلاردىن ئاللاھ رازى بولىشى مۇمكىن. بىراق دۆلەت قۇرالمايدۇ. ھاكىمىيەت بولالمايدۇ. ئىسلامنىڭ ئۈستۈنلىكى ۋە مۇسۇلماننىڭ ئىززىتىنى ساقلىيالمايدۇ.
ئەمما تەشكىللىك بىر بوزۇق ئىدىيە، ئىنتىزاملىق بىر باتىل كۈچ، دۇنيانىڭ سەۋەبلىرىنى چىڭ تۇتقان بىر شەيتانى ھەرىكەت، ياكى پارتىيە دۆلەت بولىدۇ، ھاكىمىيەت قۇرۇدۇ.ھەم شەيتاننىڭ
بايرىقىنى ئىگىز كۆتۇرىدۇ.
نىدا دەۋەت مەركىزى.




