•

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىلىرى · 189

ياخشى ئادەملەر ئۈچۈن ياخشى مال-دۇنيا نېمە دېگەن ياخشى ئىش

ئەمرى ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن:(يا عَمرُو…

2 مىنۇت ئوقۇش

·

5-نويابىر

ئەمرى ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن:(يا عَمرُو، إنِّي أُريدُ أن أَبعثَك على جَيشٍ فيُغنِمَك اللهُ، وأَرغَبَ لك رغبةً منَ المالِ صالحةً، قُلتُ: إنِّي لم أُسلِمْ رغبةً في المالِ، إنَّما أَسلَمْتُ رغبةً في الإسلامِ، فَأكونَ معَ رَسولِ اللهِ، فَقال: يا عمرُو، نِعْمَ المالُ الصّالحُ للمَرءِ الصّالحِ.)

«ئەي ئەمرى! مەن سېنى بىر قوشۇنغا سەردار قىلىپ ئەۋەتمەكچى. ئاللاھ سېنى غەنىيمەتكە ئېرىشتۈرسۇن، ھەمدە ساڭا ياخشى ۋە پايدىلىق مال-دۇنيادىن بېرىشنى ئارزۇ قىلىمەن.» دېدى. ئەمرى مۇنداق دەيدۇ: مەن: «مال-دۇنياغا قىزىقىپ ئىسلامغا كىرمىدىم، بەلكى ئىسلامغا كىرىشىمدىكى مەقسىتىم ئىسلامنى ئارزۇ قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلەن بىللە بولۇش ئىدى» دېدىم.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەي ئەمرى! ياخشى ئادەم ئۈچۈن ياخشى مال نېمىدېگەن ياخشى!» دېدى. بۇخارى «ئەدەبۇل مۇفرەد» دېگەن كىتاب، (299-نومۇر). ھاكىم، (2130-نومۇر).

مال-دۇنيا ئىلاھىي بىر نېمەت بولۇپ، ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىدىغان، ياخشى يوللارغا سەرپ قىلىدىغان، ئىسلامنىڭ ئالىي بولۇشى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خەجلەيدىغان كىشىگە بېرىلگەندە نېمەت ئۈستىگە نېمەت بولىدۇ.

ئەكسىچە، ئۆزىنىڭ دۇنيالىق ئارزۇلىرى ئۈچۈن خەجلەپ تۈگىتىدىغان، ئۇنى تېپىش ئۈچۈن ھالال-ھارامغا دىققەت قىلمايدىغان كىشىلەرگە بېرىلگەندە، ئۇ بىر ئېغىر ئىمتىھانغا ئايلىنىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ئىسلام قىممەت قارىشىغا كۆرە مال-دۇنيا ئىگىسى بولۇش ھېچبىر يەردە ئەيىبلەنمىگەن ياكى چەكلەنمىگەن.

ئەكسىچە،نامراتلىقتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پاناھلىق تىلىگەن ئىدى ۋە ئۇنىڭدىن قېچىش ئۈچۈن ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرگەن.

ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە «قەسەس» سۈرىسىنىڭ 77-ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ساڭا بەرگەن (مال-دۇنيا) بىلەن ئاخىرەت يۇرتىنى ئىزدىگىن، دۇنيادىكى نېسىۋەڭنىمۇ ئۇنتۇمىغىن، ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، سەنمۇ (باشقىلارغا) ياخشىلىق قىلغىن.»

دېمەك، مال-دۇنيا بىلەن كاپىرلاردەك مۇشۇ دۇنيالىقنى ئويلىماي، دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىكىنى بىللە ئويلاش كېرەك.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ياخشى ئادەم ئۈچۈن ياخشى مال نېمىدېگەن ياخشى!» دەپ ئالاھىدە قىزىقتۇرۇش خاراكتېرىدە ماختىغان،

شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ياخشى نىيەت-مەقسەتتە مال-دۇنيا تېپىشى ئىبادەت ۋە ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئۇلۇغ ئىشتۇر.

ھەدىس مۇسۇلمانلارنى مال-دۇنيالارنى قولغا ئېلىشقا چاقىرغاندەك بىر مەزمۇننى ئىپادىلەيدۇ.

چۈنكى بۇزۇقلارنىڭ قولىدا بولغان مال-دۇنيا دۇنيانىڭ بۇزۇلۇشى، گۇناھ-مەئسىيەتلەرنىڭ كۆپىيىشى، ئاللاھنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغان ئىشلارنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولىدۇ.

شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى، مال-دۇنيا ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرگەنلىكىنىڭ ئالامىتى ئەمەستۇر. ئاللاھ ياخشى كۆرگەن ۋە كۆرمىگەن كىشىلەرگە ئۆزى بىلىدىغان ھېكمەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە خالىغانچە بېرىدۇ.

كۆپىنچە ناچار كىشىلەر مال-دۇنياغا كۆپرەك ئىگە بولىدۇ. ياخشىلار نامراتراق كېلىدۇ. چۈنكى دۇنيا ئىمتىھان دۇنياسىدۇر.

نىدا دەۋەت مەركىزى

https://chat.whatsapp.com/HLiRvSBm4Ku0uS0tnbj9Ls

تىلگىرام قانال ئادرىسى

ھەمبەھىرلەش:

يازغۇچى