قىشلىقنىڭ كېچىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى مۇئمىننىڭ باھارىدۇر

قىشلىقنىڭ كېچىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئاللاھقا يېقىنلىشىش ۋە تەقۋادارلىقنى ئاشۇرۇشنىڭ بۈيۈك پۇرسىتىدۇر. مۆمىن ئۈچۈن…

3 مىنۇت ئوقۇش

·

5-نويابىر

قىشلىقنىڭ كېچىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئاللاھقا يېقىنلىشىش ۋە تەقۋادارلىقنى ئاشۇرۇشنىڭ بۈيۈك پۇرسىتىدۇر.

مۆمىن ئۈچۈن زاماننىڭ ئۆتۈشى بىر ئىبرەت بولسا٫ھەم رەببىگە يېقىنلىشىشنىڭ ئالتۇن پۇرسىتىدۇر. يىل بويى ئالمىشىپ ئۆتىدىغان تۆت پەسىل ئاللاھ تائالانىڭ كائىناتتىكى بۈيۈك ئايەت-بەلگىلىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭدا پەرقلىق ئىبادەت ۋە تەپەككۇر پۇرسەتلىرى يوشۇرۇنغان. بولۇپمۇ قىش پەسلى — سەلفى-سالىھلىرىمىز تەرىپىدىن «مۆمىننىڭ ئالتۇن باھارى» دەپ ئاتالغان.

بىلىم ۋە ھېكمەت بىلەن قارىغاندا، قىش كۈنلىرىنىڭ قىسقا بولۇشى كۈندۈزدىكى روزىغا، كېچىلىرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى بولسا كېچە ئىبادىتىگە تولىمۇ قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

1.قەلبلەرنى ئاللاھقا باغلاش ۋە تەپەككۇر قىلىش.

قىشلىق كېچىنىڭ جىمىغۇر، ساپ ۋە ئۇزۇن بولۇشى ئىنساننىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى غەلۋە-غۇلۋالاردىن يىراقلىشىپ، ئۆز قەلبى بىلەن يالغۇز قېلىشىغا شۇنداقلا ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتا قاراپ چىقىشىغا ئىنتايىن گۈزەل پۇرسەت بېرىدۇ.

كېچىنىڭ بىر قىسمىدا دۇنيانىڭ راھەتسىزلىكىدىن ئارام ئېلىشنى تەمىنلىسە، قاراڭغۇلۇقنىڭ قاپلىشى كىشىگە ئاخىرەتنى، ئۆمۈرنىڭ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېسىگە سالىدۇ.

كېچىدە ئاللاھ تائالانىڭ بۈيۈكلىكى ۋە كائىناتنىڭ تەرتىپى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش قەلبتىكى غەپلەتنى يۇيۇپ، رەببىمىزگە بولغان مۇھەببەت ۋە ئېتىقادنى كۈچەيتىدۇ.

2. كېچە نامىزى (تەھەججۇد) — تەقۋادارلىقنىڭ چوققىسىدۇر.

ئۇزۇن قىش كېچىلىرىدە كىشى يېتەرلىك ئۇخلاپ ئارام ئالالغاندىن كېيىنمۇ، كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىر قىسمىدا ئويغىنىپ تەھەججۇد نامىزى ئوقۇشقا كەڭ-كۇشداۋاقىت قالىدۇ.

پەيغەمبىرىمىز (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) شۇنداق دېگەن:

«كېچە ئىبادىتىگە ئادەتلىنىڭلار! چۈنكى ئۇ سىلەردىن ئىلگىرىكى سالىھ كىشىلەرنىڭ ئادىتى، رەببىڭلارغا يېقىنلىشىشنىڭ يولى، گۇناھلارغا كاپارەت ۋە گۇناھتىن توسغۇچىدۇر.»

ھەممە ئادەم تاتلىق ئۇيقۇدا ئۆتۈۋاتقان شۇ جىمجىت پەيتتە، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساپ قەلپ بىلەن سەجدىگە باش قويۇش — روھنى پاكلايدىغان، تەقۋادارلىقنى يۇقىرى باسقۇچقا كۆتۈرىدىغان ئىنتايىن يۈكسەك ئىبادەتتۇر.

3. قۇرئان كەرىم بىلەن سىرداش بولۇش.

كېچىنىڭ ئۇزۇنلۇقى قۇرئان كەرىم ئوقۇش، ئۇنىڭ مەنىلىرىنى تەپەككۇر قىلىش (تەدەببۇر) ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق ۋاقىتتۇر. گۈزەل ئاۋاز بىلەن ئاستا ۋە ئويلىنىپ ئوقۇلغان قۇرئان ئايەتلىرى كېچىنىڭ جىمجىتلىقىدا ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قىلىدۇ. قۇرئان بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىر كېچە قەلبلەرگە ئاراملىق، ئۆيلەرگە بەرىكەت ئېلىپ كېلىدۇ.

4. دۇئا ۋە ئىستىغپار

قىشلىق كېچىنىڭ ئاخىرقى قىسمى — ئاللاھ تائالانىڭ دۇئالارنى ئىجابەت قىلىدىغان ئالاھىدە ۋاقتىدۇر.

ھەدىسلەردە كەلگىنىدەك، ئاللاھ تائالا كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرى قالغاندا دۇنيا ئاسمىنىغا نازىل بولۇپ: «كىم ماڭا دۇئا قىلىدۇ، دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، كىم مەندىن تەلىپ قىلىدۇ، تەلىپىنى بېرىمەن، كىم مەندىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىمەن» دەپ نىدا قىلىدۇ.

5.ئاللاھنىڭ ئەرشى ئۈستىدىن ھاجەتمەن بەندىلىرىنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن دۇنيا ئاسمىنىغا چۈشىشى ئۇنىڭ مېھرىبانلىقىنى كۆرسەتسە بىزنىڭ ئۇخلاپ يېتىشىمىز نە قەدەر غاپىللىقىمىزنى، بىخۇدلىقىمىزنى ئىپادە قىلىدۇ، شۇڭا سەھەردە چوقۇم تەھەججۇدسىز قالماسلىق كېرەك، چۈنكى تەھەججۇد نامىزى نىجات تاپىدىغان مۇسۇلماننىڭ سۈپىتىدۇر

قىش كېچىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقىدىن پايدىلىنىپ، شۇ قىممەتلىك پەيتتە قوللىرىمىزنى ئاچساق، ئۆزىمىز، ئائىلىمىز ۋە پۇتۇن ئۈممىتىمىز ئۈچۈن دۇئا قىلساق، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە مەغپىرىتىگە ئېرىشەلەيمىز.

خۇلاسە قىلغاندا

قىشلىق كېچىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى ئادەتتىكى بىر تەبىئەت ھادىسىسىلا ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە بەرگەن يوشۇرۇن بىر نېئمىتىدۇر. بۇ نېئمەتنى بىكار غەپلەتتە، بىنورمال كۆڭۈل ئېچىشلاردا ياكى ئارتۇقچە ئۇيقۇدا زايە قىلماي؛ ناماز ئوقۇش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، دۇئا ئېتىش ۋە تەپەككۇر قىلىش بىلەن ئۆتكۈزسەك، قەلبىمىزنى ئاللاھقا باغلاپ، تەقۋادارلىقىمىزنى ئاشۇرالايمىز.

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزگە قىش پەسلىنىڭ بەرىكىتىدىن ۋە كېچە ئىبادەتلىردە دائىمىي قىلسۇن!

نىدا دەۋەت مەركىزى

https://chat.whatsapp.com/HLiRvSBm4Ku0uS0tnbj9Ls

ھەمبەھىرلەش:

يازغۇچى