•

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىلىرى · 187

ھايا ياخشىلىقنىڭ مەنبەسىدۇر

ئىمران ئىبنى ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: (الحَياءُ لا…

2 مىنۇت ئوقۇش

·

5-نويابىر

ئىمران ئىبنى ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

(الحَياءُ لا يَأْتي إلّا بخَيْرٍ)

«ھايا پەقەتلا ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدۇ».

بۇخارى رىۋايەت قىلغان (6117-نومۇرلۇق ھەدىس).

ھايا ئىسلامدىكى ئەڭ گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن زىننەتلىنىش ئىنساننىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدا كاتتا مەرتىۋىلەرگە ئېرىشىشىگە سەۋەب بولىدۇ. چۈنكى ھايا دېگەنلىك، ئادەمنىڭ قەلبىدە ئاللاھتىن قورقۇش، ئاندىن كېيىن كىشىلەردىن ۋە ئۆزىنىڭ ئىنسانىي ئىززىتنى يوقىتىشتىن نومۇس قىلىش تۇيغۇسىنىڭ بولۇشىدۇر.

بۇ تۇيغۇ ئىنساننى يامان ۋە نامۇۋاپىق ئىشلاردىن توسىدۇ.

دېمەك، ھەقىقىي ھايا ئادەمنى گۇناھتىن يىراقلاشتۇرىدۇ. ئەدەپلىك بولۇشقا يېتەكلەيدۇ، تىلىنى يامان سۆزلەردىن ساقلايدۇ، كۆزىنى ھارامدىن تۆۋەن قىلىدۇ ۋە كىشىلەرنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىشتىن توسىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ھايا بىلەن خىجىللىقنىڭ، يەنى تارتىنىپ قېلىشنىڭ ئارىسىنى ئايرىش كېرەك.

چۈنكى ھايا ئىسلامدا ماختالغان بولسا، خىجىللىق بەزى ئەھۋاللاردا ئەيىبلەنگەن ئىشتۇر.

ھايا ئىنساننى ئاللاھ يامان كۆرىدىغان، ئىنسانلار ئەيىبلەيدىغان ۋە ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈرىدىغان ھەر قانداق ئىشنى قىلىشتىن توسسا، خىجىللىق بەزىدە ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن، توغرا سۆزنى دېيىشتىن ۋە خاتالىققا قارشى چىقىشتىن توسىدۇ.

نۇرغۇن ھەقىقەتلەر خىجىللىق باھانىسى بىلەن دېيىلمەيدۇ.

نۇرغۇن باتىللارمۇ خىجىللىق باھانىسى بىلەن ئەيىبلەنمەيدۇ.

ھەققىڭىز تارتىۋېلىنغاندا سۈكۈت قىلىش، بېشىڭىزنى تۆۋەن سېلىش خىجىللىقتۇر.

ئەكسىچە، ھەقسىزلىككە قارشى تۇرۇش ھەقىقىي ھايادۇر.

مۇسۇلمان ھايا قىلىدۇ، لېكىن ھەقنى سۆزلەشتە خىجىل بولمايدۇ.

بىراق ھايامۇ قىلماسلىق، خىجىلمۇ بولماسلىق ئىمان ۋە ئىنسانلىق ئۇرۇقىنىڭ يوقىلىشقا يۈزلەنگەنلىكىنىڭ ئىسپاتىدۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىستە: «ھايا ۋە ئىمان قوشكىزەكتۇر، بىرىسى كۆتۈرۈلسە، يەنە بىرىمۇ كۆتۈرۈلىدۇ»، دېگەن.

دېمەك، ئىمان كۈچلۈك بولسا، ھايامۇ تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، ھايا يوقىلىشقا باشلايدۇ.

ھايا قىلىشنى باھانە قىلىپ، ھەقنى باتىلغا، مۇسۇلماننى كاپىرغا، توغرىنى خاتاغا بېسىش چوڭ گۇناھتۇر.

خۇلاسە قىلغاندا: ھايا — قەلبتىكى نۇر. ئۇ ئىنساننى گۇناھتىن توسۇپ، ئەدەپكە، پاكلىققا، ئىمانغا ۋە ياخشىلىققا يېتەكلەيدۇ.

خىجىللىق بولسا، بەزى ئەھۋاللاردا قەلب كېسەللىكىگە ئايلىنىپ، ئىنساننى ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن توسىدۇ.

نىدا دەۋەت مەركىزى.

https://chat.whatsapp.com/HLiRvSBm4Ku0uS0tnbj9Ls

تارقىتىپ قويۇڭ ئاللاھ رازى بولسۇن!

ھەمبەھىرلەش:

يازغۇچى