ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:( قالَ سُلَيْمانُ: لَأَطُوفَنَّ اللَّيْلَةَ على تِسْعِينَ امْرَأَةً، كُلُّهُنَّ تَأْتي بفارِسٍ يُجاهِدُ في سَبيلِ اللَّهِ، فقالَ له صاحِبُهُ: قُلْ: إنْ شاءَ اللَّهُ، فَلَمْ يَقُلْ إنْ شاءَ اللَّهُ، فَطافَ عليهنَّ جَمِيعًا فَلَمْ يَحْمِلْ منهنَّ إلّا امْرَأَةٌ واحِدَةٌ، جاءَتْ بشِقِّ رَجُلٍ، وايْمُ الذي نَفْسُ مُحَمَّدٍ بيَدِهِ، لو قالَ: إنْ شاءَ اللَّهُ، لَجاهَدُوا في سَبيلِ اللَّهِ فُرْسانًا أجْمَعُونَ.)
«سۇلەيمان ئەلەيھىسسالام: بىر كۈنى «مەن بۈگۈن كېچە توقسان ئايالنىڭ قىشىغابارىمەن(يەنى جىما قىلىمەن) ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدىغان بىر چەۋەندازنى تۇغۇپ بېرىدۇ» دېدى.
شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ھەمراھى ئۇنىڭغا: «ئاللاھ خالىسا) دېگىن» دېدى. لېكىن ئۇ «ئىنشائاللاھ » دېمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاياللارنىڭ ھەممىسىگە باردى. لېكىن ئۇلاردىن پەقەت بىر ئاياللا ھامىلىدار بولدى، ئۇمۇ يېرىم ئىنسانغا ئوخشايدىغان بىر بالىنى تۇغدى. مۇھەممەدنىڭ جېنى قولىدا بولغان زاتقا قەسەمكى، ئەگەر ئۇ «ئىنشائاللاھ » دېگەن بولسا، ئۇ (ئاياللارنىڭ ھەممىسىدىن) ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدىغان ئاتلىق چەۋەندازلار تۇغۇلغان بولاتتى» دېدى.
بۇخارى رىۋايەت قىلغان (6639-نومۇر).
ئاللاھنىڭ مۈلكىدە ئۇنىڭ ئىرادىسى ۋە رۇخسىتىسىز ھېچقانداق ئىش بولمايدۇ.
شۇڭا ئىنسان ئۆزىدىكى بارلىق كۈچ ۋە ئىرادىنى تاشلاپ، پەقەتلا ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە تايىنىشى، ئىشلارنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇشى كېرەك.
توغرا، ئىنسان سەۋەب قىلىشقا بۇيرۇلغان، ئەمما نەتىجە ئۇنىڭ قولىدا ئەمەس.
توغرا شەكىلدە سەۋەبلىرىنى قىلىپ، نەتىجىسىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇش مۇرات-مەقسەتكە يېتىشنىڭ توغرا يولىدۇر.
سۇلەيمان ئەلەيھىسسالام:«بۈگۈن كېچە توقسان ئايال بىلەن بىللە بولىمەن، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بىر چەۋەنداز تۇغىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدۇ» دېگەن نىيەتنى قىلىپ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە بولغان بولسىمۇ مەقسىتىگە يېتەلمىدى.
چۈنكى ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرۇشنى ئۇنۇتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ۋەقەگە باھا بېرىپ: «ئەگەر «ئاللاھ خالىسا» دېگەن سۆزنى دېيىشنى ئۇنۇتمىغان بولسا، ئاياللىرىنىڭ ھەممىسى شۇ كېچىدە ھامىلىدار بولۇپ، ئاتلىق بىر چەۋەندازلار دۇنياغا كېلەتتى» دېگەن.
دېمەك، ئىنساننىڭ ئىشلىرىنىڭ ئاسان ۋە تولۇق ئەمەلگە ئېشىشى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق.
قانداق كىشى ئىشلىرىدا ئاللاھقا تايىنىپ تۇرۇپ ئاندىن سەۋەبلىرىنى ياخشى قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئەمەلىيەتكە چىقىرىدۇ.
ئەمما ئۆزىنى ئاللاھتىن بىھاجەت ھېسابلاپ، ھەممىنى مۇشۇ دۇنيانىڭ ھېسابى بويىچە قىلىمەن دېسە يەنە ئاللاھ ئىرادە قىلغان نەتىجە چىقىدۇ.
چۈنكى پۈتۈن مۈلۈك ئاللاھنىڭ، ئۇنىڭدا ئاللاھنىڭ دېگىنى ۋە ھۆكۈم قىلغىنى بولىدۇ.
ھەدىس يەنە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتا ياخشى نىيەتلەرنى قىلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
سۇلەيمان ئەلەيھىسسالام تۇغۇلماقچى بولغان بالىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇجاھىد بولۇشىنى ئارزۇ قىلغاندەك، ئىمراننىڭ ئانىسى ھەننە خېنىم ئاللاھ يولىدا ئاتالغان «پىدائىي» بولۇشنى نىيەت قىلغان.
شۇڭا سىزمۇ ئايالىڭىز بىلەن بىللە بولغاندا ئالىم-ئۆلىما، قارى-قۇرئان، دۆلەت رەئىسى، جەمئىيەت ئەربابى ۋە كاتتا ئارمىيە قوماندانى بولىدىغان ئەۋلادلارنىڭ توغۇلىشىنى ئارزۇ قىلىڭ.
چۈنكى ئىنسان نىيەت قىلغان ئىشلىرىغا كۆپىنچە يېتىدۇ.
نىدا دەۋەت مەركىزى
https://chat.whatsapp.com/HLiRvSBm4Ku0uS0tnbj9Ls
تىلگىرام قانال ئادرىسى
تارقىتىپ قويۇڭ، ئاللاھ رازى بولسۇن!




