•

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىلىرى · 185

قانۇن ئىجرا قىلىشتا يان بېسىش زۇلۇمدۇر

ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ زات مۇنداق دېگەن: (أنَّ امْرَأَةً سَرَقَتْ في…

4 مىنۇت ئوقۇش

·

5-نويابىر

ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ زات مۇنداق دېگەن:

(أنَّ امْرَأَةً سَرَقَتْ في عَهْدِ رَسولِ اللَّهِ ﷺ في غَزْوَةِ الفَتْحِ، فَفَزِعَ قَوْمُها إلى أُسامَةَ بنِ زَيْدٍ يَسْتَشْفِعُونَهُ، قالَ عُرْوَةُ: فَلَمّا كَلَّمَهُ أُسامَةُ فيها، تَلَوَّنَ وجْهُ رَسولِ اللَّهِ ﷺ، فقالَ: أتُكَلِّمُنِي في حَدٍّ مِن حُدُودِ اللَّهِ؟! قالَ أُسامَةُ: اسْتَغْفِرْ لي يا رَسولَ اللَّهِ، فَلَمّا كانَ العَشِيُّ قامَ رَسولُ اللَّهِ خَطِيبًا، فأثْنى على اللَّهِ بما هو أهْلُهُ، ثُمَّ قالَ: أمّا بَعْدُ؛ فإنَّما أهْلَكَ النّاسَ قَبْلَكُمْ: أنَّهُمْ كانُوا إذا سَرَقَ فِيهِمُ الشَّرِيفُ تَرَكُوهُ، وإذا سَرَقَ فِيهِمُ الضَّعِيفُ أقامُوا عليه الحَدَّ، والذي نَفْسُ مُحَمَّدٍ بيَدِهِ، لو أنَّ فاطِمَةَ بنْتَ مُحَمَّدٍ سَرَقَتْ، لَقَطَعْتُ يَدَها. ثُمَّ أمَرَ رَسولُ اللَّهِ ﷺ بتِلْكَ المَرْأَةِ، فَقُطِعَتْ يَدُها، فَحَسُنَتْ تَوْبَتُها بَعْدَ ذلكَ وتَزَوَّجَتْ. قالَتْ عائِشَةُ: فَكانَتْ تَأْتي بَعْدَ ذلكَ فأرْفَعُ حاجَتَها إلى رَسولِ اللَّهِ ﷺ.)

«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە، مەككە فەتھى قىلىنغان غازاتتا، بىر ئايال ئوغرىلىق قىلدى. ئۇ ئايالنىڭ قەۋمى ئۇسامە ئىبنى زەيدنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلىشىنى ئۆتۈندى.

ئۇرۋە مۇنداق دەيدۇ: ئۇسامە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۇ ئايال توغرىسىدا سۆز قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۈزلىرىنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ كەتتى ۋە: «سەن ئاللاھنىڭ بەلگىلىگەن جازالىرىدىن بىر جازا ھەققىدە ماڭا سۆز قىلىۋاتامسەن؟!» دېدى.

ئۇسامە: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مەن ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن» دېدى.

كەچ بولغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇتبە سۆزلەش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇردى. ئاللاھقا ئۆزى لايىق بولغان ھەمدۇسانالارنى ئېيتقاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «ئەمما بۇنىڭدىن كېيىن، سىلەردىن ئىلگىرىكى كىشىلەرنى ھالاك قىلغان نەرسە شۇكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئابرۇيلۇق كىشى ئوغرىلىق قىلسا، ئۇنى جازالىمايتتى؛ ئاجىز كىشى ئوغرىلىق قىلسا، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ جازاسىنى ئىجرا قىلاتتى. مۇھەممەدنىڭ جېنى قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئەگەر مۇھەممەدنىڭ قىزى فاتىمە ئوغرىلىق قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ قولىنى كېسىۋەتكەن بولاتتىم».

ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېلىقى ئايالغا جازا ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قولى كېسىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئايالنىڭ تەۋبىسى ياخشى بولدى ۋە ئۇ توي قىلدى.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېدى: «ئۇ ئايال شۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ يېنىمغا كېلەتتى، مەن ئۇنىڭ ئېھتىياجىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزەتتىم».

بۇخارى رىۋايەت قىلغان (4304-نومۇر).

ئىسلام قانۇن، ئادالەت ۋە باراۋەرلىك دىنىدۇر. قانۇن ئىجرا قىلىشتا ۋە ئادالەتنى تۇرغۇزۇشتا ھېچكىمنىڭ مىللىتى، رەڭگى، ئورنى، دىن-ئېتىقادى ۋە مۇناسىۋەتلىرىگە قارالمايدۇ، ھېچكىمگە يان بېسىلمايدۇ. چۈنكى ھەممە كىشى ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئالدىدا باراۋەردۇر. كىمنىڭ كىمدىن ئۈستۈنلۈكى پەقەت تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ.

بۇ ھەدىس ئادالەت، قانۇننىڭ ھەممە ئادەمگە تەڭ ئىجرا قىلىنىشى، شاپائەتنىڭ چېكى، جەمئىيەتلەرنىڭ ھالاك بولۇش سەۋەبلىرى ۋە تەۋبىنىڭ قىممىتى ھەققىدە ئىنتايىن چوڭقۇر دەرسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «سەن ئاللاھنىڭ بەلگىلىگەن جازالىرىدىن بىر جازا ھەققىدە ماڭا سۆز قىلىۋاتامسەن؟!» دېگەن كەسكىن ئېتىرازى ئۇسامەگە شەخسىي ئاچچىقلىنىشتىن ئەمەس، بەلكى ئىسلام ھۆكۈملىرىنىڭ ئادەمنىڭ ئورنى، بايلىقى، نەسەبى ياكى پەيغەمبەرگە يېقىنلىقى بىلەن ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر.

چۈنكى جەمئىيەتلەرنى بۇزۇۋېتىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىللارنىڭ بىرى قانۇن ۋە ھۆكۈمدە بايغا بىر خىل، نامراتقا باشقا خىل؛ يېقىنغا بىر خىل، ياتقا باشقا خىل قوش ئۆلچەم قوللىنىش ۋە ئادەمگە قاراپ ھۆكۈم ئىجرا قىلىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقىقەتنى ئىلگىرىكى مىللەتلەرنىڭ تەجرىبىسىنى بايان قىلىش ئارقىلىق چۈشەندۈردى.

شۇڭلاشقا، قانۇن ئىجرا قىلىشقا خاتا ۋاسىتىچىلىق قىلىش ياكى يۈز-خاتىرە قىلىپ، ھۆكۈمنىڭ ئادىل ئىجرا قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش چوڭ گۇناھ بولۇپلا قالماي، باشقىلارغا زۇلۇم قىلغانلىقتۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئەگەر قىزىم فاتىمە ئوغرىلىق قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ قولىنى كېسىۋەتكەن بولاتتىم» دېگەن سۆزى قانۇننىڭ ھەممە كىشىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارغا، ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلغۇچى ئالىملارغا ۋە ئۇلۇغ ئىسلام دىنىنى باشقىلارغا يەتكۈزىدىغان دەۋەتچىلەرگە ئىسلامنىڭ پىرىنسىپال مەسىلىلىرىدە چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى ئۆگىتىدۇ. شۇنداقلا، ئالدى بىلەن ئۆزى ئەمەل قىلىشنىڭ لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھەقىقەتەن، ئىسلام ئۇنى سۆزلىگۈچىلەر ياكى چۈشىنىدىغانلار بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا ئەمەلىي ئەمەل قىلغۇچىلار بىلەن گۈزەلدۇر.

جازا ئىجرا قىلىشقا تېگىشلىك جىنايەت سادىر قىلغان ياكى ئەدەپلەشكە لايىق خاتالىق ئۆتكۈزگەن كىشىلەرگە ئىچ ئاغرىتىش ۋە مەرھەمەت قىلىش باھانىسى بىلەن جازانىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ياكى ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ۋاسىتىچى بولۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ھەقنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىق ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مال-مۈلكى بىلەن جان بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەنلىك بولىدۇ. شۇڭلاشقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇسامەگە قاتتىق تەنبىھ بەردى.

نىدا دەۋەت مەركىزى

https://chat.whatsapp.com/HLiRvSBm4Ku0uS0tnbj9Lsا

ھەمبەھىرلەش:

يازغۇچى