•

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىلىرى · 184

چاقىرىلمىغان كىشىنى چاقىرىشقا تەكلىپ قىلىش جائىزدۇر

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ زات مۇنداق دەيدۇ: (أنَّ جارًا لِرَسولِ اللهِ ﷺ…

3 مىنۇت ئوقۇش

·

5-نويابىر

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ زات مۇنداق دەيدۇ:

(أنَّ جارًا لِرَسولِ اللهِ ﷺ فارِسِيًّا كانَ طَيِّبَ المَرَقِ، فَصَنَعَ لِرَسولِ اللهِ ﷺ، ثُمَّ جاءَ يَدْعُوهُ، فَقالَ: وَهذِه؟ لِعائِشَةَ، فَقالَ: لا، فَقالَ رَسولُ اللهِ ﷺ: لا، فَعادَ يَدْعُوهُ، فَقالَ رَسولُ اللهِ ﷺ: وَهذِه؟ قالَ: لا، قالَ رَسولُ اللهِ ﷺ: لا، ثُمَّ عادَ يَدْعُوهُ، فَقالَ رَسولُ اللهِ ﷺ: وَهذِه؟ قالَ: نَعَمْ، في الثّالِثَةِ، فَقاما يَتَدافَعانِ حتّى أَتَيا مَنْزِلَهُ.)

«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر پارس قوشنىسى بار ئىدى. ئۇنىڭ شورپىسى ناھايىتى تەملىك ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ (بىر كۈنى) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن شورپا تەييارلاپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆيىگە مېھمان بولۇشقا چاقىردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇچۇ (يەنى ئائىشەمۇ) بارمۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇ كىشى: «يوق» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنداقتا مەنمۇ يوق» دېدى. ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى يەنە چاقىردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: «بۇمۇ بارمۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇ كىشى: «يوق» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنداقتا مەنمۇ يوق» دېدى. ئۇ كىشى ئۈچىنچى قېتىم يەنە چاقىردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇمۇ بارمۇ؟» دەپ سورىدى.

ئۇ كىشى ئۈچىنچى قېتىمدا: «ھەئە، بار» دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئورنىدىن تۇرۇپ، بىر-بىرىنى ئىتتىرىشىپ، ئالدىغا ئۆتكۈزۈشۈپ، تەڭلىشىپ مېھماننىڭ ئۆيىگە كەلدى»

مۇسلىم رىۋايەت قىلغان (2037-نومۇر). سۈنەن نەسەئىي (3436-نومۇر).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىغا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىشقا تىرىشاتتى، مۇمكىن بولغان مۇددەتتە ئۇلارنى ياخشى سورۇنلارغا بىللە قاتناشتۇراتتى.

بىر كۈنى قوشنىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تاتلىق شورپىغا يالغۇز چاقىرماقچى بولغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىمۇ بىللە ئېلىپ بېرىشنى خالايدۇ. لېكىن قوشنىسى رەت قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئائىشە خېنىمنى يالغۇز تاشلاپ قويۇشنى خالىمايدۇ ۋە بېرىشنى رەت قىلىدۇ.

قوشنىسى چىڭ تۇرۇۋالىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ رەت قىلىپ چىڭ تۇرۇۋالىدۇ.

ئاخىرى ئۈچىنچى قېتىمدا قوشنىسى «ماقۇل» دېگەندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ.

دېمەك، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كۆڭلىنى ئويلاش ۋە ئۇلارنى ياخشى ئىشلارغا شېرىك قىلىش ئائىلە مۇھەببىتىنىڭ بىر قىسمىدۇر.

ئەسلىدە ئاياللارغا بەرگەن كىچىككىنە قىممەت ئۇلارغا بەرگەن چوڭ سوغاتتىن مۇھىمدۇر. چۈنكى نۇرغۇن ئاياللار ھەدىيە ياكى ماددىي نەرسىلەرگە ئېھتىياجلىق ئەمەس، ھەقىقىي كۆيۈنۈش ۋە قىممەت بېرىشكە مۇھتاجدۇر.

ئائىشە خېنىمنىڭ خۇشاللىقىغا قاراڭ! يولدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر-بىرىنى ئىتتىرىشىپ، ئالدىغا ئۆتكۈزۈشۈپ، تەڭلىشىپ ماڭىدۇ. بۇ ئائىشە خېنىمنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نازلىنىشى، ئوينىشىشى، ئەركىلىشىشىدىن بولغاندۇر.

سىزمۇ ئايالىڭىزغا قىممەت بېرىڭ، ئۇلارنى ياخشى سورۇنلارغا بىللە ئېلىپ بېرىڭكى، ئۇلارمۇ سىزگە نازلانسىۇن!

ئايالىڭىزنى ئۆيدە يالغۇزلۇققا مەھكۇم قىلماڭ!

ھەقىقەتتە، ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇش ھايات يولىنى بىللە باسىدىغان، خۇشاللىقتا تەڭ بولىدىغان، ئويۇننى تەڭ ئوينايدىغان تۇرمۇشتۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى سەپەردە، جىھادتا، ھەجتىمۇ ، ھەتتاكى زىياپەتلەردىمۇ بىللە ئېلىۋالاتتى.

چۈنكى ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات شېرىكى، ئۆمۈرلۈك ھەمراھى، مەڭگۈلۈك سىردىشى ئىدى.

خۇلاسە قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چوڭ ئىشلاردا ئۈممەتكە رەھبەر بولغىنىدەك، كىچىك ئىشلاردا ئايالىغا مېھرىبان بىر ئەر ئىدى.

ئۇ ئائىلىسىنى مېھماندارچىلىقتىن ، خۇشاللىقتىن ۋە ياخشى پۇرسەتلەردىن ئايرىپ قويمايتتى.

ئايالى بىلەن ئويناق مۇئامىلىدە بولاتتى. بۇ بولسا پەيغەمبەرلىك ھاياتى بىلەن ئائىلە ھاياتىنىڭ بىر-بىرىگە زىت ئەمەسلىكىنى، بەلكى سۈننەتنىڭ ئائىلىدە ئەڭ گۈزەل شەكىلدە نامايان بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

نىدا دەۋەت مەركىزى

https://chat.whatsapp.com/HLiRvSBm4Ku0uS0tnbj9Lsا

ھەمبەھىرلەش:

يازغۇچى