•

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىلىرى · 183

زەررىچىلىك كىبر بولغان كىشى جەننەتكە كىرەلمەيدۇ

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «لا يَدْخُلُ…

3 مىنۇت ئوقۇش

·

5-نويابىر

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«لا يَدْخُلُ الجَنَّةَ مَن كانَ في قَلْبِهِ مِثْقالُ ذَرَّةٍ مِن كِبْرٍ، قالَ رَجُلٌ: إنَّ الرَّجُلَ يُحِبُّ أنْ يَكونَ ثَوْبُهُ حَسَنًا ونَعْلُهُ حَسَنَةً، قالَ: إنَّ اللَّهَ جَمِيلٌ يُحِبُّ الجَمالَ، الكِبْرُ بَطَرُ الحَقِّ، وغَمْطُ النّاسِ».

«قەلبىدە زەررىچىلىك كىبر بولغان ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ». بىر كىشى: «ئىنسان ئۆزىنىڭ كىيىمىنىڭ چىرايلىق، ئايىغىنىڭمۇ چىرايلىق بولۇشىنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇمۇ كىبر ھېسابلىنامدۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ گۈزەلدۇر، گۈزەللىكنى ياخشى كۆرىدۇ. كىبر بولسا ھەقنى رەت قىلىش ۋە كىشىلەرنى كەمسىتىشتۇر» دېدى.

مۇسلىم رىۋايەت قىلغان (91-ھەدىس).

⸻

بۇ ھەدىس ئىنساننىڭ تاشقى گۈزەللىكى بىلەن ئىچكى تەكەببۇرلۇقىنى ئايرىپ چۈشەندۈرىدىغان ئىنتايىن مۇھىم ھەدىستۇر.

ئۇنىڭدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىبرنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ناھايىتى ئېنىق بەلگىلەپ بەرگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «قەلبىدە زەررىچىلىك كىبر بولغان ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ» دېگەن سۆزى كىبرنىڭ مىقدارى قانچىلىك كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

شۇڭا مۇئمىننىڭ قەلبىدە «مەن باشقىلاردىن ياخشى» دېگەن ھېسسىيات يىلتىز تارتمىسلىقى كېرەك.

ئەگەر بىر ئالىم ئالغان دىپلوملىرى ياكى كىشىلەرنىڭ ئالقىشلىشى بىلەن ئۆزىنى چوڭ تۇتسا، ئۇنىڭ گۇۋاھنامەلىرى ئىلىمىنىڭ ئەمەس، بەلكى جاھىللىقىنىڭ ئىسپاتىغا ئايلىنىدۇ. چۈنكى ئىبلىسمۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى بىلگەن ئىدى، لېكىن كىبر ئۇنى ھالاك قىلدى.

ئەگەر بىر باي مال-دۇنياسى بىلەن ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇتسا، ئۇنىڭ بايلىقى ئۇنىڭ خار بولۇشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى قارۇن ئۆز زامانىسىدىكى ئەڭ باي كىشىلەردىن ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇقى ئۇنىڭ يەرگە يۇتۇلۇشىغا سەۋەب بولدى.

ئەگەر بىر ھوقۇقدار ئۆزىنىڭ ھوقۇقى بىلەن چوڭچىلىق قىلىشقا باشلىسا، ئۇنىڭ ھوقۇقى ھالاك بولۇشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى فىرئەۋن ئۆز زامانىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ھۆكۈمدارلاردىن ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ كىبرىسى ئۇنىڭ نىل دەرياسىدا غەرق بولۇشىغا سەۋەب بولدى.

دېمەك، كىبر ۋە چوڭچىلىق قەلبنىڭ كېسىلى بولۇپ، ئىنساننىڭ نىيىتى ۋە ھېسسىياتىدا يىلتىز تارتىدۇ. كېيىن ھەقنى ئىنكار قىلىش، ھەقنى قوبۇل قىلماسلىق، باشقىلارنى تۆۋەن كۆرۈش ۋە كەمسىتىش قاتارلىق قىلمىشلاردا ئىپادىلىنىدۇ.

ئەمما تاشقى زىننەت، كىيىم-كېچەكنىڭ گۈزەل ۋە يارىشىملىق بولۇشى كىبرنىڭ دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. چۈنكى ساھابىنىڭ: «ئىنسان چىرايلىق كىيىم ۋە چىرايلىق ئاياغنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ كىبرمۇ؟» دەپ سورىغان سوئالىغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناھايىتى مۇھىم بىر قائىدىنى بايان قىلىپ: «ئاللاھ گۈزەلدۇر، گۈزەللىكنى ياخشى كۆرىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن.

دېمەك، پاكىز كىيىنىش، چىرايلىق كۆرۈنۈش، پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ياخشى نەرسىلەرنى كىيىشنىڭ ئۆزى كىبر ئەمەس.

كىبرنىڭ ئۆلچىمى كىيىمنىڭ قىممىتى بىلەن ئەمەس، قەلبنىڭ ھالىتى بىلەن بەلگىلىنىدۇ.

بىر ئادەم قىممەت باھالىق كىيىم كىيىشى مۇمكىن، ئەمما كەمتەر بولۇشىمۇ مۇمكىن. يەنە بىر ئادەم ئاددىي كىيىنىشى مۇمكىن، ئەمما قەلبىدە باشقىلارنى پەس كۆرۈشى مۇمكىن.

خۇلاسە: چىرايلىق كىيىنىش كىبر ئەمەس؛ ھەقنى رەت قىلىش ۋە كىشىلەرنى پەس كۆرۈش كىبردۇر.

نىدا دەۋەت مەركىزى

https://chat.whatsapp.com/HLiRvSBm4Ku0uS0tnbj9Lsا

تىلگىرام قانال ئادرىسى

https://t.me/+M3S3jUl_bqwwMWM0

تارقىتىپ قويۇڭ، ۋە بىر كىشلىك ساۋابقا ئېرىشىڭ!

ھەمبەھىرلەش:

يازغۇچى