ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ، ئۇ زات مۇنداق دېگەن:
(بيْنا النبيُّ ﷺ يَخْطُبُ، إذا هو برَجُلٍ قائِمٍ، فَسَأَلَ عنْه فَقالوا: أبو إسْرائِيلَ، نَذَرَ أنْ يَقُومَ ولا يَقْعُدَ، ولا يَسْتَظِلَّ، ولا يَتَكَلَّمَ، ويَصُومَ. فَقالَ النبيُّ ﷺ: مُرْهُ فَلْيَتَكَلَّمْ ولْيَسْتَظِلَّ ولْيَقْعُدْ، ولْيُتِمَّ صَوْمَهُ)
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى خۇتبە سۆزلەۋاتاتتى. تۇيۇقسىز ئۆرە تۇرغان بىر ئادەمنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ھەققىدە ساھابىلەردىن سورىدى. ساھابىلەر:
— ئۇ ئەبۇ ئىسرائىل، ئۆزىگە: «ئۆرە تۇرىمەن، ئولتۇرمايمەن، سايىدا تۇرمايمەن، ھېچكىمگە سۆزلىمەيمەن ۋە روزا تۇتىمەن»، دەپ نەزىر قىلغان ئىكەن — دېدى.
شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
«ئۇنىڭغا ئېيتقىنكى: سۆزلىسۇن، سايىدا تۇرسۇن، ئولتۇرسۇن ۋە روزىسىنى تاماملىسۇن»، دېدى.»
بۇخارى رىۋايەت قىلغان، (6704-نومۇر).
ئاللاھ ھېچقانداق كىشىنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا بۇيرىمىدى. ئەگەر ئاللاھ بىر مۇكەللەفنى ھەر قانداق بىر ئەمەل-ئىبادەتكە بۇيرىغان بولسا، چوقۇم ئۇنىڭ شەرتىنى تاقىتى يېتىش ۋە ئۇنى ئورۇنداشنى بىلىش قىلدى. بۇ ئىسلامنىڭ سابىت ۋە مۇقىم پىرىنسىپلىرىدۇر.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئىنسانلارنىڭ كۆڭۈل-خاھىشلىرى، نەپسنىڭ مايىللىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىسلام بېكىتكەن ئۆلچەم بىلەن بولىدۇ.
بىر كىشى ئۆزىچە: «ئاللاھ ئۈچۈن ئۆرە تۇردۇم»، دەپ ئۆرە تۇرۇۋالسا، ياكى «بۇ دۇنيا راھەت كۆرىدىغان يەر ئەمەس، بىز راھەتنى قىيامەتتە كۆرىمىز»، دەپ ئاللاھ بەرگەن نېمەتلەردىن قاچسا، ياكى غەيۋەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن «ھېچكىمگە گەپ قىلمايمەن»، دەپ گەپ قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان، ئائىلە-بالىلىرىغا گەپ قىلماسلىقنى ئىبادەت دەپ قارىۋالسا، ئۇ ئىبادەت بولمايدۇ.
چۈنكى ئىسلام دىنى ئىجاد قىلىدىغان ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدا كەلگەنلەرگە ئەگىشىدىغان دىندۇر.
يۇقىرىقى ساھابىنىڭ ئىبادەت دەپ ئۆزىچە پەيدا قىلغان «ئۆرە تۇرۇش، سايىدا راھەت ئالماسلىق، سۆز قىلماسلىق، روزا تۇتۇش» قاتارلىق ئىشلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر پۈتۈن رەت قىلمىدى، ھەم بىر پۈتۈن قوبۇل قىلمىدى.
ئەكسىچە، ئىسلام ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىنى قوبۇل قىلدى، باشقىسىنى رەت قىلدى.
مەسىلەن، روزا ئىسلامغا ئۇيغۇن ئىدى. ئۇنى داۋاملاشتۇرسۇن، دېدى. ئەمما ئۆزىچە ئۆرە تۇرۇش ئىبادەت ئەمەس ئىدى، ئۇنى رەت قىلدى.
راھىپلارچە شەكىلدىكى سۈكۈت ئىبادەت ئەمەس ئىدى، ئۇنى رەت قىلدى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىسلامنىڭ مۇتلەق تەلىۋى بولغان ئىبادەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەن، ساھابىلەر ئەمەلىي ھاياتى بىلەن بايان قىلغان شەكىلدە بولغانلىرىدۇر.
ھەدىس شۇنىڭغىمۇ ئىشارەت قىلىدۇكى، تەقۋادارلىق باھانىسى بىلەن ئاللاھنىڭ ھالال قىلغان نېمەتلىرىدىن پايدىلانماسلىق، بۈگۈنكى كۈندەك مۇسۇلمانلار ئېغىر كۈندە قالغاندا خوتۇن ئېلىپ ئولتۇرۇامدۇ دەپ بويتاقلىقنى تاللاش ، دۇنياغا بېرىلمەسلىكنى باھانە قىلىپ خارلىق ھاياتنى تاللاش ئىسلامغا زىتتۇر.
خۇلاسە قىلغاندا، بۇ ھەدىس ئىبادەتتە شەرىئەت بەلگىلىگەن يولدىن چىقماسلىق، نەزىرنىڭ ھۆكمى، بەدەنگە ئارتۇقچە جاپا سالماسلىق ۋە ئىسلامدىكى ئوتتۇراھاللىق توغرىسىدا ناھايىتى مۇھىم ھەدىسلەردىن بىرىدۇر.
نىدا دەۋەت مەركىزى
https://chat.whatsapp.com/HLiRvSBm4Ku0uS0tnbj9Lsا
تىلگىرام قانال ئادرىسى




