سەفىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇ:
(أنَّ النَّبيَّ ﷺ حَجَّ بنِسائِه، فبَرَكَ بصَفيَّةَ جَملُها؛ فبَكَتْ، وجاء رسولُ اللهِ ﷺ لمّا أخبَروه، فجعَلَ يَمسَحُ دُموعَها بيَدِه، وهي تَبكي، وهو يَنهاها.)
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرى بىلەن ھەجگە چىققان ئىدى. سەفىيەنىڭ تۆگىسى چۆكۈۋېلىپ، ماڭالماي قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يىغلاپ كەتتى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ئاندىن قولى بىلەن ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ، كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى. ھالبۇكى، ئۇ يىغلاۋاتاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بولسا ئۇنى يىغلىماسلىققا ئۈندەيتتى.»
ئەھمەد رىۋايەت قىلغان، (26866-نومۇر).
ئاياللارنىڭ كۆڭلى نازۇك، ھېسسىياتى چوڭقۇر ۋە ئۆزگىرىشچان بولىدۇ. بىر ئېغىز ياخشى سۆز ئۇلارنى ئالەمچە خۇشال قىلسا، يەنە بىر ئېغىز قاتتىق كەلىمە ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئۇزۇنغىچە ئاغرىتىشى مۇمكىن
بەزىدە ئاددىي بىر ئىش ئۇلارنى قاتتىق يىغلاتسا، يەنە بەزىدە كىچىككىنە بىر تەسەللىي ئۇلارنى ھەددىدىن زىيادە خۇشال قىلىدۇ.
شۇڭا ئۇلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى چۈشىنىش ۋە يېنىدا بولۇش لازىم.
ئايالىڭىزنىڭ يىغىسىنى: «كىچىك ئىشقا يىغلاپتۇ» دەپ قارىماي بەلكى ئۇنىڭ كۆز يېشىنىڭ ئارقىسىدىكى ھېسسىياتنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ!
بەزىدە كۆزدىن ئاققان بىر تامچە ياش، تىل بىلەن ئىپادىلەش قىيىن بولغان نۇرغۇن دەردنىڭ تەرجىمانى بولۇشى مۇمكىن.
سەفىيە خېنىمنىڭ ھالىتىگە قاراڭ!
تۆگىسىنىڭ يولدا توختىۋالغانلىقى ئۇنى چوڭقۇر ئازابلىدى ۋە قاتتىق يىغلاتتى.
بۇ ۋاقىتتا ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام خەۋەرنى ئاڭلاپ، دەرھال ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە «مۇشۇنچىلىك ئاددىي ئىشقا يىغلامسىز؟» دەپ مالامەت قىلىپ، كۆڭلىنى ئاغرىتماستىن، ئۇنى يىغلىماسلىققا ئۈندىدى ۋە مېھرىبانلىق بىلەن كۆز ياشلىرىنى ئۆزىنىڭ مۇبارەك قولى بىلەن سۈرتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا قاراڭ!
شۇنچىلىك مۇلايىم، شۇنچىلىك كۆيۈمچان ئىدىكى، ئۆز قولى بىلەن ئايالىنىڭ يېشىنى سۈرتەتتى ۋە ئۇنىڭ دەردىنى چۈشىنەتتى، قەلبىگە يېقىنلىشاتتى.
دېمەك، ھەر ئىنساننىڭ ئۆزىگە خاس دەردى بولىدۇ. سىز ئۇ دەرتمەن ئۈچۈن چوڭ بىر ئىش قىلالمىسىڭىزمۇ، ئۇنىڭ يېنىدا بولۇش يېتەرلىك بولۇشى مۇمكىن.
شۇڭلاشقا سىز ئۇنىڭ دەردىنى چۈشىنىڭ ۋە دەرمان بولۇشقا تىرىشىڭ! ئەكسىچە، «مۇشۇنچىلىك ئىشقىمۇ يىغلاش كېتەمدۇ؟» دەپ ئۇنىڭ دەردىگە دەرت بولماڭ! كۆڭلىگە مەنسىتمەسلىك نەشتىرىنى سانجىماڭ!
سىزگە كىچىك كۆرۈنگەن ئىش ئۇنىڭ قەلبىگە ئېغىر كەلگەن بولۇشى مۇمكىن.
ئەمەلىيەتتە مۇسۇلماننىڭ دەردىگە دەرمان، كۆڭلىگە شىپا، يارىسقا مەلھەم بولۇش ئۇلۇغ ئىبادەتتۇر.
نىدا دەۋەت مەركىزى
https://chat.whatsapp.com/HLiRvSBm4Ku0uS0tnbj9Lsا
تىلگىرام قانال ئادرىسى




