پەرزەنتلەرنى ساغلام ئېتىقاد بىلەن تەربىيەلەش

ئائىلە — ئىنسان ھاياتىنىڭ تۇنجى مەكتىپى، ئاتا بولسا بۇ مەكتەپنىڭ تۇنجى يېتەكچىسىدۇر. بىر ئاتىنىڭ پەرزەنتى…

2 مىنۇت ئوقۇش

·

5-نويابىر

ئاتىلىق مەجبۇرىيەتنىڭ جەۋھىرى ئىماننىڭ ئاساسلىق تەقەززاسىدۇر

ئائىلە — ئىنسان ھاياتىنىڭ تۇنجى مەكتىپى، ئاتا بولسا بۇ مەكتەپنىڭ تۇنجى يېتەكچىسىدۇر.

بىر ئاتىنىڭ پەرزەنتى ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتى پەقەت ئۇنى ماددىي جەھەتتىن بېقىش، يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەك بىلەن تەمىنلەشلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىنى گۈزەل ئەخلاق ۋە ساغلام ئېتىقاد بىلەن سۇغىرىشتۇر.

پەرزەنتلەرنى ساغلام ئېتىقاد بىلەن تەربىيەلەش — ئاتىنىڭ بالا ئۈستىدىكى ئەڭ ئالىي مەجبۇرىيىتى ۋە ئەڭ مۇھىم بۇرچىدۇر.

ساغلام ئېتىقاد — كىشىلىك ھاياتنىڭ تۈۋرۈكى، توغرىلىق ۋە ياخشىلىقنىڭ مەنبەسىدۇر.

ئۇلۇغ ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە لۇقمان ھەكىمنىڭ ئۆز ئوغلىغا قىلغان تەربىيەسىنى بىزگە ئۈلگە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۆز ۋاقتىدا لۇقمان ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ:«ئى ئوغلۇم! ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن، شېرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن چوڭ زۇلۇمدۇر.»، دېدى» (لۇقمان سۈرىسى، 13-ئايەت).

بۇ ئايەت بىر ئاتىنىڭ بالىسىغا بېرىدىغان ئەڭ تۇنجى ۋە ئەڭ مۇھىم دەرسىنىڭ دەل ساغلام ئېتىقاد ۋە تەۋھىد ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئېتىقادى مۇستەھەم بولغان بالا ھاياتنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدا ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدۇ، توغرا بىلەن خاتانى پەرقلەندۈرەلەيدۇ.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئاتىنىڭ بۇ ئېغىر مەسئۇلىيىتىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «ھەممىڭلار بىرەر پادىچى، ھەممىڭلار ئۆز قول ئاستىڭلاردىكىلەردىن مەسئۇلسىلەر. ئەر كىشى ئۆز ئائىلىسىنىڭ پادىچىسىدۇر ۋە ئۇ ئۆز قول ئاستىڭدىكىلەردىن مەسئۇلدۇر» (بۇخارى رىۋايەت قىلغەن).

شۇنداقلا، يەنە بىر ھەدىس شەرىپتە: «بىر ئاتىنىڭ ئۆز پەرزەنتىگە قالدۇرالايدىغان ئەڭ گۈزەل مىراسى — ياخشى ئەخلاقتۇر» (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان ) دەپ بۇيرۇغان.

ئاتا ئۆز پەرزەنتىگە ياراتقۇچىنى تونۇتۇش، ئىنسانىي قەدىر-قىممەتنى ئۆگىتىش ۋە ھاياتنىڭ ھەقىقىي غايىسىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ قەلبىگە ئەڭ گۈزەل روھىي ئۇرۇقلارنى چاچىدۇ.

بۇ جەرياندا ئاتىنىڭ سۆز-ھەرىكىتى ۋە ئۆز ھاياتى بالىغا ئەڭ چوڭ ئەينەك بولىدۇ.

بالا ئاتىسىنىڭ ھاياتقا بولغان پوزىتسىيەسىگە، توغرىلىقىغا ۋە ئېتىقادىغا قاراپ ئۆسىدۇ. قەدىمكىلەرنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلەرىدە ئېيتىلغاندەك: «دەرەخنىڭ يىلتىزى قانداق بولسا، مېۋىسىمۇ شۇنداق بولىدۇ.»

ئەگەر ئاتا ئۆزى ساغلام ئېتىقاد ۋە گۈزەل ئەخلاق بىلەن ياشىسا، بالىمۇ شۇ يىلتىزدىن سۇ ئىچىدۇ.

شۇڭا، ساغلام ئېتىقاد تەربىيەسى قۇرۇق نەسىھەت بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاتىنىڭ سەمىمىيىتى ۋە ئەمەلىيەتچانلىقى بىلەن بالىنىڭ قەلبىگە كۆچىدۇ.

خۇلاسىلىگەندە، بىر ئاتىنىڭ ئۆز پەرزەنتىگە قالدۇرالايدىغان ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ قىممەتلىك مىراسى — ئۇنىڭغا ياشاشنىڭ نىشانىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ساغلام ئېتىقاد، قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ نۇرىدۇر.

بۇ تەربىيە پەرزەنتنىڭ ئىككى دۇنيالىق بەخت-سائادىتىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان، ئاتىلىق بۇرچنىڭ ئەڭ چوققىسىدۇر.

نىدا دەۋەت مەركىزى

https://chat.whatsapp.com/HLiRvSBm4Ku0uS0tnbj9Lsا

تىلگىرام قانىلى ئادرىسى

https://t.me/+M3S3jUl_bqwwMWM0

تارقىتىپ قويۇڭ!

ھەمبەھىرلەش:

يازغۇچى