ھاتەب ئىبنى ئەبى بەلتەئە ۋەقەلىكىدىن بىر تەھلىل
ئىسلام دىنىدا «ئىشلار ۋە ئەمەللەر نىيەتكە باغلىقتۇر» پرىنسىپى ئاساسلىق ئۆلچەملەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
لېكىن نىيەتنىڭ ياخشى ياكى ساپ بولۇشى ھەرىكەتتىكى خاتالىق، قانۇنسىزلىق ياكى جامائەت مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى ئاقلاپ بېرەلەمدۇ؟
بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى ئىسلام تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلەردىن بىرى — ساھابە ھاتەب ئىبنى ئەبى بەلتەئە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋەقەلىكىدە روشەن كۆرۈنۈدۇ.
1. ھاتەب ئىبنى ئەبى بەلتەئە ۋەقەلىكىنىڭ قىسقىچە بايانى
ھىجرىيە 8-يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەر بىلەن بىرلىكتە مەككىنى قولغا ئېلىش يەنى (ڧەتھى مەككە) ئۈچۈن مەخپىي ھالدا قوشۇن تەييارلىغانىدى.
مەقسەت مۇشرىكلەرگە ئويلىمىغان يەردىن ھۇجۇم قىلىپ، شەھەرنى قان تۆكمەيلا ئېلىش ئىدى.
لېكىن بۇ سىرنى قاتتىق ساقلاش كېرەكلىكىگە قارىماي، ساھابىلەردىن ھاتەب ئىبنى ئەبى بەلتەئە بىر خەت يېزىپ، مەككە مۇشرىكلىرىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەربىي پىلانىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەكچى بولىدۇ ۋە خەتنى بىر ئايال ئارقىلىق يوللايدۇ.
ۋەھىي ئارقىلىق بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ، خەتنى يول ئۈستىدە قولغا چۈشۈرىدۇ.
ھاتەب سوراققا تارتىلغاندا ئۆزىنىڭ بۇ قىلمىشىنى مۇنداق دەپ ئاقلايدۇ: «ي ئى رەسۇلۇللاھ، مېنىڭ ئۈستۈمدىن ئالدىراپ ھۆكۈم چىقارمىسلا!
مەن قۇرەيشتىن بولمىغان، يەنى تېگى-تەكتىم ئۇلاردىن بولمىغان، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىم ۋە مال-مۈلۈكلىرىم قالغان بىر ئادەممەن.
سىلە بىلەن بىللە بولغان مۇهاجىرلارنىڭ مەككىدە ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى بولۇپ، ئۇلار مۇھاجىرلارنىڭ ئائىلىسى ۋە ماللىرىنى قوغداپ تۇرىدۇ. مېنىڭ ئۇ يەردە تۇغقانلىرىم يوق، شۇڭا قۇرەيشكە بىرەر ياخشىلىق قىلىپ، ئۇلار ئارقىلىق ئائىلەم ۋە مال-مۈلۈكۈمنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ قېلىشنى ئويلىدىم.
مەن بۇنى ئىسلامدىن يۈز ئۆرۈش ياكى كۇفرىغا قايتىش مەقسىتىدە قىلغىنىم يوق.»
بۇ چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇقاتتىق غەزەپلىنىپ:
«ئى رەسۇلۇللاھ، ماڭا ئىجازەت بەرسىڭىز، بۇ مۇناپىقنىڭ بېشىنى چېپىۋەتسەم!» دەيدۇ.
دېمەك ، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە باشقا ساھابىلەر بۇ قىلمىشنى قاننى ھالال قىلىدىغان خىيانەت دەپ ھېساپلايدۇ.
2. نىيەتنىڭ ساپلىقى ۋە ھەرىكەتنىڭ ئاقىۋىتى ئوتتۇرىدىكى تەڭپۇڭلۇق
بۇ ۋەقە ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى (ڧىقھى) ۋە ئەخلاقىدا ئىنتايىن مۇھىم ئىككى پرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
1.نىيەتنىڭ ئورنى: ھاتەبنىڭ دىلىدا ئىمانغا بولغان ساداقىتى ۋە مۇستەھكەملىكى راست ئىدى. ئۇ مۇشرىكلەرگە يانداش ياكى ئىسلامغا دۈشمەنلىك قىلىش نىيىتىدە ئەمەس، بەلكى ئائىلىسىگە كۆيۈنۈش سەۋەبىدىن بۇ خاتالىقنى سادىر قىلغانىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى راست دەپ قوبۇل قىلدى.
2.ھەرىكەتنىڭ ۋەيرانكارلىقى: بىراق، بۇ قىلمىش كىچىك ئىش ئەمەس ئىدى.
بۇ — دۆلەت بىخەتەرلىكىگە، مۇسۇلمانلارنىڭ جېنىغا ۋە چوڭ بىر ھەربىي سىرغا خىيانەت قىلىش بولۇپ، پۈتكۈل مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنى خەتەرگە ئىتتىرەتتى.
ئەگەر خەت مەككىگە يېتىپ بارغاندا، قانلىق ئۇرۇش بولۇپ، نۇرغۇن مۇسۇلمانلار ھاياتىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن ئىدى.
شۇڭلاشقا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئۆلتۈرۈش تەكلىپىنى رەت قىلغان بولسىمۇ (چۈنكى ھاتەب بەدىر جېڭىگە قاتناشقان ساھابە ۋە ئۇنىڭ نىيەتتىكى چىنلىقى مەلۇم ئىدى)، لېكىن ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ دۈشمەنگە پايدىلىق خاتالىق ئىكەنلىكىنى ھېچ ئاقلىيالمىدى.
3. ياخشى نىيەت بىلەن قىلىنغان ئىش دۈشمەنگە پايدىلىق چىقسا نېمە قىلىش كېرەك؟
ئىنساننىڭ نىيىتى قانچە سەمىمىي ۋە ساپ بولمىسۇن، ئەگەر ئۇنىڭ قىلمىشى ياكى قارارى جەمئىيەتكە، جامائەتكە ياكى ھەق يولدىكى بىر قۇرۇلما، مىللەتكە زىيان يەتكۈزۈپ، دۈشمەنگە پايدىلىق ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار تۈپ قەدەملەرنى بېسىش زۆرۈر دۇر.
1.قىلمىشتىن دەرھال توختاش ۋە ئەپۇ سوراش.
خاتالىق كۆرۈلۈپلا ئۇنىڭ سەلبىي ئاقىۋىتىنى سەزگەندە، نىيىتىنىڭ
ياخشىلىقىنى باھانە قىلىپ چىڭ تۇرۇۋالماسلىق، ئەكسچە قىلمىشنى دەرھال توختىتىپ، مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلىش كېرەك. ھاتەبمۇ خەتنىڭ قولغا چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزىنى ئاقلىغان بولسىمۇ، ئومۇمىيەتكە قىلغان خاتالىقىنى قوبۇل قىلدى.
2.شەخسىي مەنپەئەت بىلەن ئومۇمىي مەنپەئەتنى ئايرىش.
نۇرغۇن ۋاقىتلاردا شەخسىي قۇتۇلۇش ياكى ئائىلە مەنپەئەتىنى ئويلاپ قىلىنغان بەزى قەدەملەر تاشقى دۈشمەنگە ئەڭ ياخشى «سوۋغات» بولۇپ قالىدۇ.
ھەقىقىي ئەقىللىق ۋە مەسئۇلىيەتچان كىشى ئۆز نىيىتىنىڭ ساپلىقىغا تايىنىۋالماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ «كىمگە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى»(دۈشمەنگە جامائەتنىڭ بىرلىكىنى بوزۇش پىتنە سېلىش پۈرستى بېرىۋاتامدۇ ياكى يۇرت-مىللەتكە پايدىلىق بولىۋاتامدۇ )ئوبيېكتىپ ھالدا باھالىشى لازىم.
چۈنكى شەخسىي مەنپەئەت ياكى بەزى كىچىك ئىشلار جامائەت مەنپئەتى ئۈچۈن توختاشقا ئېھتىياجلىق
3.ئاقىۋەتكە قاراپ ھۆكۈم قىلىش پرىنسىپى.
ئىسلام پرىنسىپلىرىدا مەقسەت ۋە نىيەت مۇھىم بولغىنىدەك، ۋاسىتە ۋە نەتىجىمۇ شۇنچە مۇھىم. «نىيىتىم ساپ ئىدى» دېگەن سۆز جامائەتكە يەتكەن زىياننى يۇيۇۋېتەلمەيدۇ. ئەگەر بىر ئىشنىڭ نەتىجىسى دۈشمەننىڭ قولىنى كۈچەيتىۋاتقان بولسا، ئۇنداق قىلمىش دەرھال توختىتىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن تەۋبە قىلىنىشى شەرت.
خۇلاسە
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، نىيەتنىڭ توغرىلىقى ئىنساننىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى نىيەت-مەقسەت جەھەتتىكى گۇناھسىزلىقىنى (ياكى ئىرادىسىنىڭ سەۋەبىنى) چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ،
ئەمما ئۇ ھەرىكەتنىڭ ئوبيېكتىپ جەھەتتىن كەلتۈرۈپ چىقارغان خاتالىقىنى ۋە زىيىنىنى ئاقلىيالمايدۇ.
ھاتەب ئىبنى ئەبى بەلتەئە ۋەقەلىكى بىزگە شۇنى ئۆگىتىدۇكى: ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىشتا پەقەت «نىيىتىم ياخشى ئىدى» دېگەن باھانە بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئەلگە، جامائەتكە ۋە ھەق يولغا قىلىۋاتقان مەقسەتكە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەقىل ۋە ھېكمەت بىلەن ئۆلچەش، زىيانلىق چىققان ھەرىكەتتىن دەرھال قول ئۈزۈش ھەر بىر مۇسۇلمان ۋە ئەقىل ئىگىسىنىڭ بۇرچىدۇر.
بولۇپمۇ بىزدەك دۈشمەن ئالدىدا يات ئەلنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان مىللەتكە ،جامائەت بىرلىكىنى بوزىدىغان، ئومۇمى مىللەت مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان ئىشلاردا نىيەتنىڭ توغىرلىقى، خاتالىقلارنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ باھانىسى ۋە زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ئىددىئاسى بىلەن
دۈشمەنگە پۈرسەت ئېلىپ كېلىدىغان ھەر قانداق ئىشتىن يىراق تۇرۇش كېرەك.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسساۋاب
ئاللاھ ئەڭ توغىرسىنى بىلگۈچى.
نىدا دەۋەت مەركىزى.




