ئىشىكلەر تاقالسىمۇ، ئېكران ئوچۇق قالسا!

ئىنسان ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى تاقاپ بولغاندا، ئۆزىنى ھېچكىم كۆرمەيدۇ دەپ خاتىرجەم بولۇشى مۇمكىن. ئاندىن تېلېفونىنى…

2 مىنۇت ئوقۇش

·

5-نويابىر

ئىنسان ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى تاقاپ بولغاندا، ئۆزىنى ھېچكىم كۆرمەيدۇ دەپ خاتىرجەم بولۇشى مۇمكىن. ئاندىن تېلېفونىنى ئېچىپ، ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئىشىكلىرى كەڭ ئېچىلغان بىر دۇنياغا قەدەم قويىدۇ.

كۆزى ۋە قەلبى كىشىلەرنىڭ ئالدىدا تۇرغاندا يېقىنلىشىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان نەرسىلەرنى كۆرۈشكە باشلايدۇ.

بەلكىم باشقىلارنىڭ ئالدىدا تېلېفون ئېكرانىغا بىر قاراپ قويۇشتىنمۇ نومۇس قىلىشى مۇمكىن، ئەمما ئاللاھنىڭ ئۆزىنى كۆرۈپ تۇرغانلىقىدىن نومۇس قىلمايدۇ!

مانا بۇ يەردە ئاللاھنىڭ ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىغابولغان ئىماننىڭ سەمىمىيلىكى سىنىلىدۇ.

چۈنكى، ئىنساننى يالغۇز قالغاندا ھەم تەرك ئەتمەيدىغان ئەخلاق تېخى ئۇنىڭ قەلبىگە تولۇق ئورنىمىغان بولىدۇ.

كىشىلەرنىڭ ئالدىدا مەۋجۇت بولۇپ، يالغۇز قالغاندا يوقاپ كېتىدىغان ھايا بولسا، يەنە تەربىيە ۋە تىرىشچانلىققا موھتاجتۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿أَلَمْ يَعْلَمْ بِأَنَّ اللَّهَ يَرَى﴾

«ئۇ ئاللاھنىڭ كۆرۈپ تۇرغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟» (سۈرە ئەلەق، 14-ئايەت)

بۇ قىسقىغىنا ئايەتنىڭ مەنىسى قەلبكە چوڭقۇر ئورنىغان بولسا، ئىنساننىڭ ئالدىدا بەزى گۇناھ ئىشىكلىرىنى تاقاپ، ئۇنى باشقىلار كۆرەلمەيدىغان نۇرغۇن ئىستىقامەت ئىشىكلىرىگە باشلايتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئالىرىدىن بىرى مۇنداق ئىدى:

«وَأَسْأَلُكَ خَشْيَتَكَ فِي الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ»

«ئى ئاللاھ! سەندىن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ھالەتلىرىمدە سېنىڭدىن قورقۇشنى سورايمەن». (نەسائىي رىۋايەت قىلغان)

بەندىنىڭ ئاللاھتىن قورقۇشى كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا بولغاندا قانداق بولسا، ئۇلارنىڭ كۆزىدىن يىراق يالغۇز قالغاندا ھەم شۇنداق بولۇشى نېمىدېگەن گۈزەل! ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ پاكلىقىمۇ، تاشقى قىياپىتىنى ياخشى كۆرسىتىشكە بەرگەن ئەھمىيىتىدىن كەم بولماسلىقى كېرەك.

بۇ يەردىكى مەقسەت تېلېفوننى دائىملىق قورقۇنچ مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇش ياكى ئىنساننى ئاللاھ ھالال قىلغان كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئارام ئېلىشتىن مەھرۇم قىلىش ئەمەس.

بەلكى بۇ ئۈسكۈنىنى ئىشلىتىش جەريانىدا مۇئمىنلىك ۋىجدانىنى ھەمراھ قىلىشتۇر. نېمىگە قاراش، قاچان كۆزنى تارتىش، نېمىنى ئېچىش، قاچان تاقاش، قاچان داۋاملاشتۇرۇش ۋە قاچان توختاش كېرەكلىكىنى بىلىشتۇر.

ئىبنى ئەتائىللاھ ئەسكىندەرىي ناھايىتى ياخشى ئېيتقان:

«ساڭا كاپالەت قىلىنغان نەرسىلەر ئۈچۈن تىرىشىپ، سەندىن تەلەپ قىلىنغان ئىشلاردا سەل قارىشىڭ، سېنىڭ قەلب كۆزۈڭنىڭ تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر».

سەندىن تەلەپ قىلىنغان ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى، قەلبىڭ ۋە بەدەن ئەزالىرىڭنى قەيەردە بولساڭمۇ قوغداشتۇر. كۆز ئالدىڭغا چىققان نەرسىلەرنى قوغلىشىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئۆز ئۈستۈڭدىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئۇنتۇپ قالما!

ئېكران ئاللاھتىن ھېچ نەرسىنى يوشۇرالمايدۇ. يالغۇزلۇق بولسا ئاللاھنىڭ كۆزىتىشىدىن خالىي بولۇش ئەمەس، بەلكى قەلبىڭدە ئاللاھنى ئۇلۇغلاش تۇيغۇسىنىڭ قانچىلىك ئورۇنلاشقانلىقىنى نامايان قىلىدىغان بىر پۇرسەتتۇر.

شۇڭا، ئاللاھ بىلەن بولغان ئەدەبىڭنى شۇنداق مۇستەھكەم قىلغىنكى، ئۇ ماكاننىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگەرمىسۇن، كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن يىراقلاشقاندا يوقاپ كەتمىسۇن.

نىدا دەۋەت مەركىزى

ھەمبەھىرلەش:

يازغۇچى