﴿ یَـٰۤأَیُّهَا ٱلَّذِینَ ءَامَنُوا۟ لَا تَقُولُوا۟ رَ عِنَا وَقُولُوا۟ ٱنظُرۡنَا وَٱسۡمَعُوا۟ وَلِلۡكَـٰفِرِینَ عَذَابٌ أَلِیمࣱ ١٠٤ مَّا یَوَدُّ ٱلَّذِینَ كَفَرُوا۟ مِنۡ أَهۡلِ ٱلۡكِتَـٰبِ وَلَا ٱلۡمُشۡرِكِینَ أَن یُنَزَّلَ عَلَیۡكُم مِّنۡ خَیۡرࣲ مِّن رَّبِّكُمۡۚ وَٱللَّهُ یَخۡتَصُّ بِرَحۡمَتِهِۦ مَن یَشَاۤءُۚ وَٱللَّهُ ذُو ٱلۡفَضۡلِ ٱلۡعَظِیمِ﴾
ئايەتنىڭ تەرجىمىسى
« ئى مۇئمىنلەر! (پەيغەمبەرگە) رائىنا دەپ خىتاب قىلماي، ئۇنزۇرنا دەپ خىتاب قىلىڭلار،(سۆزىگە) قۇلاق سېلىڭلار، كاپىرلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ(104) ئەھلى كىتاب ۋە مۇشرىكلاردىن بولغان كاپىرلار پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە بىرەر ياخشىلىقنىڭ چۈشۈشىنى ياقتۇرمايدۇ، ئاللاھ ئۆزىنىڭ خالىغان بەندىسىگە پەيغەمبەرلىكنى خاس قىلىدۇ، ئاللاھ چوڭ پەزل ئىگىسىدۇر »(105).
«بۇ مۇبارەك ئايەتلەر ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقى، مۇناپىقلار ۋە يەھۇدىيلارنىڭ سۆز ئويۇنلىرىدىن ساقلىنىش، ھەمدە كاپىرلارنىڭ مۆمىنلەرگە بولغان ھەسەتخورلۇق پوزىتسىيەسىنى پاش قىلىش قاتارلىق مۇھىم مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»
ئايەتنىڭ چۈشۈش سەۋەبى
«مەدىنىدە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆھبەتلىرىگە قاتناشقاندا ۋە ۋەھىي ئۆگىنىۋاتقاندا، ئەگەر بىرەر سۆزنى چۈشەنمەي قالسا ياكى قايتا ئاڭلاشنى خالىسا، ئەرەب تىلىدىكى ئەدەپلىك سۆز بولغان«رائىنا» (راعِنا - بىزگە رىئايە قىلغىن، ئاستىراق سۆزلىگىن) دېگەن سۆزنى ئىشلىتەتتى.
بىراق، مەدىنىدىكى يەھۇدىيلار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ئىچىدە يامان غەرەز بىلەن سۆز ئويۇنى قىلىشقا باشلىدى.
چۈنكى ئىبرانىي تىلىدا ياكى يەھۇدىيلارنىڭ تەلەپپۇزىدا بۇ سۆز«رائىنا»(بىزنىڭ پادىچىمىز) ياكى«رۇئۇنەت»(دۆت، ئەخمەق) دېگەن ھاقارەتلىك مەنىلەرنى بېرەتتى.
يەھۇدىيلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ،زاڭلىق قىلىش ۋە ھاقارەتلەش غەرىزىدە قەستەن تىلىنى بۇراپ «رائىنا»دەيتتى.
ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنى ئۇلارنىڭ بۇ سىياسىي ۋە تىل ھىيلىسىدىن قوغداش ھەم پەيغەمبەرنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاش
ئۈچۈن بۇ ئايەتنى نازىل قىلغان.»
ئەمەلىيەتتە بۇ ئىنتايىن توغرا بىر سۆز ۋە ئۆگىنىۋاتقانلارنىڭ (ساھابىلەرنىڭ) ئەھۋالىغا تولىمۇ مۇۋاپىق بىر تەلەپ ئىدى.
لېكىن ئاللاھ تائالا ئۇنى ئىشلىتىشتىن چەكلەپ، ئۇنىڭ ئورنىغا دەل شۇ مەنىنى ئىپادىلەيدىغان، لېكىن ئاتالغۇ جەھەتتىن ئوخشىمايدىغان (انظُرْنَا - بىزگە قارىغىن، مۆھلەت بەرگىن) دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشكە بۇيرىدى.
نېمىشقا مەنىسى ئوخشاش بولغان ئىككى سۆزنىڭ بىرى چەكلىنىپ، يەنە بىرىنى ئىشلىتىش بۇيرۇلىدۇ؟»
چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىدا مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلاردىن تەركىب تاپقان سەمىمىي مۇسۇلمانلاردىن باشقا، ئىسلامنى ئېغىزىدىلا دەۋا قىلىدىغان بىر تۈركۈم مۇناپىقلار ھەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشكەن يەھۇدىيلارمۇ بار ئىدى.
ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ غەلىبە ۋە نۇسرەت قازىنىشىنى يامان كۆرەتتى، شۇنداقلا داۋاملىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئاشكارە ياكى يوشۇرۇن ھۇجۇم قىلىشنى نىيەت قىلىپ يۈرەتتى.
ئۇلار ھەر زامان ئىچىدىكى رەزىللىكىنى ئاشكارىلاش ۋە مۇسۇلمانلارغا زىيان سېلىشتىن ئىبارەت يامان غەرەزلىرىنى ئەمەلىيەتكە چىقىرىش ئۈچۈن مۇۋاپىق يول ئىزدەيتتى.
ساھابىلەرنىڭ بۇ سۆزى ئۇلارنىڭ سۆز ئويۇنى قىلىشىغا چوڭ بىر پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن ئىدى، شۇڭا ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنى بۇ سۆزنى ئىشلىتىشتىن چەكلىدى.
دېمەك، بەزى مۇباھ ئىشلار ھارامغا ۋاسىتە بولۇپ قالغاندا، ياكى توغرا بىر گەپ-سۆز خاتا ئىشلارغا ئىشىك ئاچقاندا، ياكى ھەق بىر ئىش باتىللارنىڭ پايدىلىنىش مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالغاندا، ئۇ ئىشلار ئاخىرقى نەتىجىسى ئېتىبارى بىلەن شەرىئەتتە چەكلىنىدۇ (بۇ ئىسلام فىقھىسىدىكى«ۋاسىتىلەرنى توسۇش — سد الذرائع»قائىدىسىدۇر).»
بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۆمىن بەندىلەرنى گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەت ۋە نىيەت-مەقسەتلىرىدە (ھەتتا سىرتقى كۆرۈنۈشتە بولسىمۇ) كاپىرلارغا ئوخشاپ قېلىشتىن چەكلەيدۇ.
چۈنكى ئىماننىڭ ھەقىقىتى كۇفرى ۋە شېرىكنىڭ ماھىيىتىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىقتۇر.
ئۇنداق بولغان ئىكەن، مۇسۇلمانلارنىڭ كاپىرلارغا ھەر قانداق ئىشتا ئوخشىۋېلىشى ئىماننىڭ تەقەززاسىغا خىلاپتۇر.
ئايەت يەنە مۇسۇلمانلارنى ئۇلارنىڭ پىلانلىق قۇرغان قىلتاقلىرىغا چۈشۈپ كېتىشتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ.
چۈنكى مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە ياشاۋاتقان بەزى كاپىرلار ئۆز ئۆچمەنلىكىنى ئاشكارا قىلىشقا پېتىنالمىغان مەزگىللەردە مەككارلىق ۋە ئالدامچىلىق ھۈنەرلىرىنى ئىشقا سالاتتى.
خۇددى بەزى يەھۇدىيلارنىڭ سۆزلىگەن چاغدا، ئاڭلىنىشتا مەنىسى توغرىدەك تۇيۇلىدىغان، ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇزۇق ۋە يامان مەنىنى ئىپادىلەيدىغان قوش مەنىلىك سۆزلەرنى قوللانغىنىغا ئوخشاش.
بەزى ساددا مۇسۇلمانلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۇلارنىڭ بۇ ھىيلىلىرىگە بىلىپ-بىلمەي پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن ئىدى. ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنىڭ بۇنداق ساددىلىق قىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن يۇقىرىدىكى ئايەتنى نازىل قىلغان.
دېمەك، مېنىڭكى توغرا، مېنىڭ ھەق دەپ تۇرۇپ قىلغان ئىشلارنىڭ نەتىجىسى كىملەرگە پايدىلىق بۇنىڭغىمۇ قاراش مۆمىن كىشىنىڭ باش تارتالمايدىغان بۇرچىدۇر. كۆپىنچە مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ داۋاسىنىڭ ھەقلىقىدە چىڭ تۇرىدۇ. لېكىن نەتىجە ئۇنىڭ ھەقلىقى ئەمەس. دۈشمەنگە پايدىلىق ۋە مۇسۇلمانلارغا زىيانلىق چىقىپ قالىدۇ. دەل شۇ ۋاقىتتى ئۆزى ئىشىدا ئويلىنىش لازىم.
ئىسلام دۈشمەنلىرى قۇرئان ۋە ئىسلامنىڭ ئۆزىگە كۈچى يەتمىگەچكە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ.
ئۇلار بىرەر مۇسۇلماننىڭ خاتالىقىنى كۆرسىلا، شۇنى باھانە قىلىپ ئىسلامنى سەت كۆرسىتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدۇ.
شۇڭلاشقا، ھەربىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق دىققەت قىلىشى، ئۆز ئوبرازى ئارقىلىق ئىسلامغا داغ چۈشۈرۈپ قويۇشتىن ھوشيار بولۇشى مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى پارچىلايدىغان ئاتالمىش مېنىڭ ھەق دېگەن ئىددىئالار بىلەن پىتنە ئۇرۇقى چاچماسلىقى لازىم.
نىدا دەۋەت مەركىزى.




