دېموكراتىيە يەنە بىر قىتىم ئېچىنىشلىق ھالەتتە ئۆلدى

دېموكراتىيەنىڭ قانۇن-قائىدىلىرى پەقەت ئۆزلىرىگە ئۇيغۇن كەلگەن تەرەپنى قوللايدىغان، ئۆزلىرىگە يارىمىغان يەردە…

3 مىنۇت ئوقۇش

·

31-ئۆكتەبىر

دېموكراتىيەنىڭ قانۇن-قائىدىلىرى پەقەت ئۆزلىرىگە ئۇيغۇن كەلگەن تەرەپنى قوللايدىغان، ئۆزلىرىگە يارىمىغان يەردە بولسا تامامەن ئاياغ-ئاستى قىلىنىدىغان بىر قوش ئۆلچەملىك ئويۇن ئىكەنلىكى تارىختىن بۇيان نۇرغۇن قېتىم ئىسپاتلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ

مۇشۇ كۈنلەردە غەرب دۇنياسى(فىرانسىيە) ۋە ئىسرائىلىيە سىياسىي سەھنىسىدە نامايان بولۇۋاتقان بۇ ئىككى يۈزلىمىچىلىك تۈپەيلىدىن، «دېموكراتىيە» سۆزى ئاللىقاچان ئۆز قىممىتىنى يوقاتقان، يەنى ئۆلگەن بىر ئۇقۇمغا ئايلىنىپ قالدى.

بۇنىڭ تۇنجى ۋە ئەڭ ئېچىنىشلىق مىسالى بۇنىڭدىن بۇرۇن، 2007-يىلى ھاماس غەززەدە سايلام ئارقىلىق تارىخىي بىر غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن كۈنلەردە كۆرۈلگەن ئىدى.

ئۇ چاغدا خەلق ئىرادىسى ئوتتۇرىغا چىقىپ، سايلام ساندۇقىدىن ھاماس زەپەر بىلەن چىققاندا، ئۆزىنى «دېموكراتىيەنىڭ بۇشۇكى، پايتەختى» دەپ ئاتىغان ئىسرائىلىيە ۋە ياۋروپانىڭ كۆپ قىسىم دۆلەتلىرى بۇ ھەققانىي نەتىجىنى قوبول قىلىشتىن پۈتۈنلەي باش تارتتى.

ئەنە شۇ دەقىقە — دېموكراتىيەنىڭ خەلقئارا سەھنىدە رەسمىي جان تەسلىم قىلغان، يەنى تۇنجى قېتىم «ئۆلگەن» نۇقتىسى ئىدى.

چۈنكى ئۇلار ئۈچۈن دېموكراتىيە خەلقنىڭ ئەركىن ئىرادىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئەمەس، بەلكى پەقەت ئۆزلىرى ماقۇل كۆرگەن ۋە كۆڭلىدىكى كىشىلەرنىڭلا ھوقۇققا كېلىشىدىن ئىبارەت بىر نىقابلا ئىدى.

مانا بۇ ئۆلگەن دېموكراتىيە روھى بۈگۈنكى كۈندە يەنە بىر قېتىم ئىسرائىلىيەدە ئۆزىنىڭ رەزىل نىقاپلىق قىياپىتىنى ئاشكارىلىدى.

يېقىنقى پارلامېنت سايلىمىدا يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشكەن بېنيامىن نىتانىياھۇ ۋە ئۇنىڭ قارشى تەرىپىدىكى سىياسىي كۈچلەر ئەرەب پارتىيەلىرى بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللەشنى قەتئىي رەت قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنى قاتتىق بېسىم ئاستىدا قالدۇردى.

ئۇلار ئەرەب پارتىيەلىرىنى «تاشقى كۈچلەر ۋە ئىخۋانچى مەنبەلەردىن سايلام ئۈچۈن مەبلەغ قوبۇل قىلغان» دەپ ئاساسسىز ئەيىبلەپ، قاتتىق تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

بىر دۆلەتتە ياشاۋاتقان پۇقرالارنىڭ سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقى بولۇشى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرى سىياسىي جەھەتتىن پايدىلىنىلغاندىن كېيىن «دۆلەتكە تەھدىت» سۈپىتىدە قارىلىشى، ھۆكۈمەتكە شېرىك بولۇشىنىڭ مەنئى قىلىنىشى ۋە ئۈستىدىن گۇمان بايرىقى ئېسىلىشى دېموكراتىيەنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆلگەنلىكىنىڭ تېخىمۇ ئېنىق ئىسپاتىدۇر.

نەتىجىدە، غەربنىڭ ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «دېموكراتىيە» دەپ جار سېلىۋاتقىنى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان، ئۆزلىرىگە يارىمىغان ھەقىقەتلەرنى ۋە خەلق ئىرادىسىنى بوغۇپ تاشلايدىغان بىر مۇستەبىت سىستېمىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكى بۇ قېتىم يەنە بىر قېتىم روشەن ئوتتۇرىغا چىقتى.

كۈنىمىزدە خەلقئارا قانۇن نىزاملارنىڭ يېقىلىپ چۈشۈۋاتقانلىقى ھەر يەردە ئۆز ئەھلى تەرەپتىن سۆزلىنىۋاتقان، ئۇنىڭ خارابىلىقىدا دۇنيا مىللەتلىرى جان تالىشىۋاتقان بىر پەيتتە ئىسلامنىڭ قىممىتى كۈندىن كۈنگە ھەر يەردە نامايەن بولماقتا.

ئاللاھنىڭ توغرا يولى ئىسلامنىڭ كەلگۈسى دۇنيانىڭ چىقىش يولى ئىكەنلىكى ئاشكارا بولماقتا.

چۈنكى ئۇنىڭدىن باشقا نىزاملار، ئېتىقادلار

دۇنيانىڭ شەرق لاگىرى بولغان سابىق سۇۋىت ئېتتىپاقى دەۋرىدا

ئاللاقاچان دۇنيانى يىتەكلەش روھى يوقلىقى ئىسپاتلانغان ئىدى.

شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلارمۇ ئىسلامدا چىڭ تۇرۇپ نىجاتلىق ئارغامچىسى بولغان ئىلاھى ۋەھىيگە مۇستەھكەم ئېسىلىپ ماڭغاندا ھەر قانداق بىر كۈچ ۋە تەرەپنىڭ پايدىلىنىپ تاشلاش ماتىرىيالى بولۇشتىن ساقلىنىدۇ.

ھەمدە دوست-دۈشمەننى ئىسلامىي ئۆلچەم بىلەن تۇتقاندا سىياسى مەنپەئەتنىڭ قۇربانى بولمايدۇ.

ئەسكەرتىش: دەلىلسىز تىللاش. ھاقارەت قىلىش. تۆھمەت قىلىش خارەكتىردىكى يازمىلار ئۆچۈرلىدۇ.

ھەمبەھىرلەش:

يازغۇچى